باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئۈرۈمچىدە ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر، ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلدى

2014.05.04 09:13   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

شى جىنپىڭ ئۈرۈمچىدە ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر، ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلدى

  1-ماي خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى ھارپىسىدا، شىنجاڭدا خىزمەت تەكشۈرىۋاتقان جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئۈرۈمچىدە ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر، ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئەمگەكچىلەردىن بايراملىق ھال سورىدى.

  30-ئاپرىل چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئونلار ئەتراپىدا، شى جىنپىڭ شىنجاڭ مېھمانخانىسىغا يىتىپ بېرىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى 28 نەپەر ئەمگەك نەمۇنىچىسى ۋە ئىلغار خىزمەتچى، ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلدى ھەم ئۇلار بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  سۆھبەت يىغىنىدا، ئىلغار شەخسلەر ۋەكىلى، قۇراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ ئەترىتى دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى جۇاڭ شىخۇا ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر ۋەكىلى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادىمىيىسىنىڭ ئاكادىمىكى، شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى ئۇچۇر ئىلمىي ۋە قۇرۇلۇش ئىنىستىتوتىنىڭ پروفىسسورى ھوشۇر ئىسلام سۆز قىلدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، چىگرا رايوننى سۆيۈش، چىگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش، چىگرا رايونغا تۆھپە قوشۇش جەريانىدىكى تەسىراتلىرىنى سۆزلىدى.

  ئارقىدىن شى جىنپىڭ قىزغىن سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى كۈچلۈك ئىشەنچ بىلەن ئىككى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. بىكىتكەن كۈرەش نىشانىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تىگى تەكتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا ئىجتىھات بىلەن، سەمىمىيىلىك بىلەن، ئىلىمىي يۇسۇندا ئەمگەك قىلىشمىز كېرەك. بىز پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئەمگەك شەرەپلىك، بىلىم قىممەتلىك، ئىقتىساسلىقلار بايلىق، يېڭىلىق يارىتىش ئۇلۇغۋار ئىش دەيدىغان دەۋر يېڭى ئىستىلىنى نۇرلاندۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئەمگەك روھىنى نۇرلاندۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئەمگەكنى سۆيىدىغان، ئەمگەككە ئۆزىنى بېغىشلايدىغان، خىزمەت ئورنىنى سۆيىدىغان، ئىسلاھات، ئېچىۋىتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى تەقدىم قىلىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەمگەك كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى ساقلاشتىكى مۇھىم يول، ئۇلارنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ساغلاملىقىنى ساقلاشتىكى مۇھىم ۋاستە، كوممۇنىستىلارنىڭ ئىلغار ئىستىلنى نۇرلاندۇرۇش، تۆت خىل ئىستىلغا ئاڭلىق قارشى تۇرۇشىدىكى مۇھىم كاپالەت ھېسابلىنىدۇ. بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئەمگەك روھىنى باشلامچىلىق بىلەن نۇرلاندۇرۇشى، ئەمگەكچى خەلق بىلەن بولغان ھېسىيات ئالماشتۇرۇشىنى كۆپەيتىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۆز خىزمەت ئورۇنلىرىدا تىرىشىپ، پۇختا خىزمەت قىلىشى كېرەك.

  ئۇنىڭدىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ 4-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى يۇقىرى يېڭى تېخنىكا كەسىپ تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ باغۋەنچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، شىركەتتىكى بارلىق خىزمەتچىلەر بۇلۇپمۇ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنىڭ بىرىنچى سېپىدە تىرىشىپ ئىشلەۋاتقان ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن سورىدى، كۆپچىلىكنىڭ 1-ماي بايرىمىنى تەبرىكلىدى. ئۇ شىركەتتىكىلەرنىڭ ئىناق ئەمگەك قىلىش مۇناسىۋىتىنى پائال شەكىللەندۈرۈپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ئىشىچى-خىزمەتچىلەرگە تايىنىپ كارخانىنى تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىكىدە تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى: نۆۋەتتە ھوقۇق-پۇل سودىسى ئا…
      ·مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرلىرى قىسقارتىلىدۇ
      ·ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجىسى قايتا تەكشۈرۈلىدۇ، ئالاھىدە تۈرلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قى…
      ·يېڭى نۆۋەتلىك مەجبۇرىي مائارىپ دەرسلىكىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش داۋاملىق ئورۇندالماقتا يېڭى بىر تۈركۈمدى…
      ·2014-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسىي قاتلامدا ئىشقا ئورۇنلىشىش توغرىسىدىكى ئېت…
      ·گوۋۇيۈەن مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى  مەخسۇس تەكشۈردى…
      ·شى جىنپىڭ تاجىكىستان زۇڭتۇڭى بىلەن كۆرۈشتى
      ·شى جىنپىڭ قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايوف بىلەن سۆھبەتلەشتى
      ·شى جىنپىڭ قازاقىستان پرېزدېنتى نەزەربايىف بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى(1)
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھات لايىھەسى تەتقىق قىلىنىش تۈزۈلۈش مۇكەممەللەشتۈ…