خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گايدو دانىل 1950-يىلى تۇغۇلغان، ھازىر مىلاندا ياشايدۇ ۋە خىزمەت قىلىدۇ، گايدو دانىل كۆپ قېتىم ئالاھىدە ئىمتىيازلارغا ئېرىشكەن سەنئەتكار، 1990-يىلىدىن باشلاپ تەن ۋە رەڭلىك سىزمىنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى ھەققىدە ئىزدەنگەن. 2000-يىلى ئۇ دۇنياغا داڭلىق « Handimals » تۈرىنى ئىجاد قىلغان، بۇنى «قولدىكى ھايۋانلار» دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. قول ئىشارىسىنىڭ ئەپچىللىك بىلەن بىرىكتۈرۈلۈپ، «ماي بوياق رەسىمى سىزىلىدىغان رەخت» كە ئايلىنىشى شۇنداقلا بۇنىڭغا قوشۇلغان رەڭلىك سىزما بىلەن تۈرلۈك ھايۋانلار كۆز ئالدىڭىزدا ئايان بولۇپ، سەنئەتكارنىڭ تەسەۋۋۇردىن ھالىقىغان تەسەۋۋۇر كۈچى ۋە رەڭ كونترول قىلىش كۈچى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.