يېڭى زېلاندىيەدىكى ۋايپوئۇا ئورمانلىقى ــ بۇ ئورمانلىق ئىككى تۈپ ھايات قاسراقلىق شەمشاد ــ ئورمان شاھى ۋە ئورمان ئاتىسى دېگەن نامى بىلەن داڭلىق، بۇ ئورمانلىق يېڭى زېلاندىيەدىكى قاسراقلىق شەمشادلارنىڭ نەمۇنىسى، چەمبەر ئۇزۇنلۇقى بويىچە ھېسابلىغاندا، ئورمان ئاتىسى يېڭى زېلاندىيەدىكى ئەڭ چوڭ قاسراقلىق شەمشاد ھەجمى بويىچە ئېيتقاندا، ئۇ ئىككىنچى چوڭ شەمشاد بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە تەخمىنەن 2 ـ3 مىڭ ياشقا كىرگەن. ئورمان شاھىمۇ تەخمىنەن 1250 ـ 2500 ياشلار ئەتراپىدا، شۇنداقلا ھازىرغىچە ئەڭ چوڭ بولغان قاسراقلىق شەمشاد دەرىخى. بۇ يەر يەنە شىمالىي ئارالدىكى كىۋى قۇشى ۋە سالپاڭ قۇلاق ئۆردەكنىڭ يۇرتى.