پاكىستان يەر تەۋرەشنى تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، يەر تەۋرەش شۇ يەر ۋاقتى 24-سېنتەبىر سائەت 16:29 (بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 19:29) دە يۈز بەرگەن ، تەۋرەش مەركىزى بالۇچىستان ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى خۇرداز رايونىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن 120 كىلومېتىرلىق جايدا بولۇپ ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىر ئىكەن. پاكىستان دۆلەتلىك ئاپەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ دېيىشىچە ، يەنە بەش قېتىم قالدۇق يەر تەۋرىگەن ، ئارىدىكى ئەڭ ئېغىرى 5.9 بال بولغان .