پاكىستان زۇڭتۇڭى ھۈسەيىن بىلەن زۇڭلى شەرىف يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن قاتتىق قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردا قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى جىددىي قانات يايدۇرۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن . پاكىستان ئارمىيە تەرەپ قۇتقۇزغۇچى خادىملار ۋە دوختۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 300 ئادەمنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا ئەۋەتكەن ھەم ئاپەت رايونىغا دورا، يېمەكلىك ۋە چىدىر قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى يەتكۈزۈپ بەرگەن .