باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جايلار ئۆي بازىرىنى تەڭشەپ تىزگىنلەشتىكى تەپسىلىي پىرىنسىپنى ئارقا-ئارقىدىن چىقاردى(5)

2013.04.01 13:57        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شاڭخەي شەھىرى تەپسىلىي قائىدىسىدە: تۇنجى يۈرۈش ئۆيگە قەرز بېرىشتىكى ئالدىن پۇل تاپشۇرۇش نىسبىتى ۋە قەرز ئۆسۈم نىسبىتى سىياسىتىنى مۇۋاپىق تەڭشەشنى ھەم ئۈچىنچى يۈرۈش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى تاۋار ئۆي سېتىۋالىدىغانلارغا قەرز بېرىشىنى قاتتىق مەنئىي قىلىشنى تەلەپ قىلدى. چۇڭچىڭ شەھىرىمۇ ئىككىنچى يۈرۈش ئۆي سېتىۋالىدىغانلارغا قەرز بېرىش سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئۈچىنچى يۈرۈش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۆي سېتىۋېلىشقا قەرز بېرىشنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىساد تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ئىقتىسادشۇناس يۈەن گاڭمىڭ مۇنداق دېدى: تەپسىلىي قائىدىدە ئىككىنچى يۈرۈش ئۆي سېتىۋېلىشقا ئالدىن تاپشۇرىدىغان پۇلنىڭ نىسبىتى شۇنداقلا قەرز ئۆسۈم نىسبىتىنى تەڭشەش توغرىسىدا كونكرېت بەلگىلىمە چىقىرىلمىدى. ئەمەلىي تەدبىرلەرنىڭ كىشىلەرنىڭ مۆلچىرى ۋە ئېقىپ يۈرگەن گەپ سۆزلىرى بىلەن بىر يەردىن چىقمىغاندا، ئۇ بىر خىل قاڭقىش ھاسىل قىلىدۇ. مەلۇم بىر ئاپپاراتنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە، ئىككىنچى يۈرۈش ئۆي سېتىۋالىدىغانلار %60 ئالدىن پۇل تاپشۇرىدىغان بولۇپ، ئىككىنچى يۈرۈش ئۆي سېتىۋېلىشتا ئالدىن تاپشۇرىدىغان پۇل نىسبىتى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلىدىكەن. بۇنى %70 گە يېتىدۇ دەپ پەرەز قىلساق، بۇ ئۆي سېتىۋالغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك مەبلەغ چىقىرىش ئىقتىدارىنى سىنايدىكەن. ئىگىلىنىشچە، جايلارنىڭ تەپسىلىي قائىدىسىدە يەر تەمىناتى، كاپالەتلىك ئۆي قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە بەلگىلىمە بولۇشى كېرەك ئىكەن.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە