- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


راك كېسىلى بېيجىڭ ئاھالىسىنىڭ جېنىغا زامىن بولۇۋاتقان بىرىنچى سەۋەبكە ئايلاندى
2013.03.29 16:07 مەنبە: خەلق تورى
ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 104 ئادەم راك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن
بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا، بېيجىڭ شەھرى ئۆپكە راكى، سۈت بېزى راكى، جىگەر راكى قاتارلىق كۆپ ئۇچرايدىغان بەش چوڭ راك كېسىلىنى ۋاقتىدا بايقاش، ۋاقتىدا داۋالاش خىزمىتىنى تاماملايدىكەن، چېتىلىدىغان رايونلار دۇڭچېڭ رايونى، شىچېڭ رايونى، چاۋياڭ رايونى، خەيديەن رايونى قاتارلىق توققۇز رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. تۈنۈگۈن مۇخبىرنىڭ شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، «شەھەرنىڭ راك كېسىلىنى ۋاقتىدا ۋاقتىدا بايقاش، ۋاقتىدا داۋالاش تۈرى» بەش يىل ئۇدا قانات يايدۇرۇلىدىكەن، ھەر يىلى كېسەللىك خەۋپى ئىچىدىكى 50 مىڭ ئادەم ئۆپكە راكى، سۈت بېزى راكى،چوڭ ئۈچەي راكى، يۇقىرىقى ھەزىم قىلىش يولى راكى، جىگەر راكى قاتارلىق بەش خىل راك كېسىلى بويىچە ھەقسىز تەكشۈرۈلىدىكەن. كېسەللىك خەۋپى ئىچىدىكى كىشىلەر توپى بېكىتىلگەندىن كېيىن، سىپرال CT، سۈت بېزى رەڭلىك رېنتىگىنى، ئۈچەينى سىكوپتا تەكشۈرۈش، ئاشقازاننى سىكوپتا تەكشۈرۈش، جىگەرنى ئۇلتىراسونىكتا تەكشۈرۈش قاتارلىق تۈرلەر بويىچە كېلىنكىلىق تەكشۈرۈلۈپ، راكتىن ئاۋۋالقى كېسەللىك ئۆزگىرىشى ۋە راك كېسەللىرىنى بايقاپ، بۇ ئارقىلىق بالدۇر بايقاش، بالدۇر تەدبىر قوللىنىش، بالدۇر داۋالاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە