باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىئەندىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەسسىلىش ھادىسىسىدە 16 ئادەم يارىلاندى

2013.03.29 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىئەن شەھرى چۈجياڭ دېڭىز-ئوكيان سارىيىنىڭ دېڭىز-ئوكيان باغچىسىدا تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەسسىلىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، 16 ئادەم يارىلانغان. نۆۋەتتە يارىلانغان قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆكچە پېيى ئوپېراتسىيەسى تاماملاندى.

  بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى تەشكىللىگەن شىئەن سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ يۈز بەرگەن دەسسىلىش ھادىسىسىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن: ئالدىن بېكىتىلگەن ئوقۇتۇش پىلانىغا ئاساسەن، شىئەن سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارماق باشلانغۇچ مەكتىپى 4-يىللىقتىن 6-يىللىققىچە بولغان سىنىپلاردىكى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنى شىئەن چۈجياڭ دېڭىز-ئوكيان سارىيىغا ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە تەشكىللىگەن. 28-چېسلا چۈشتىن كېيىن سائەت 2دىن 50 مىنۇت ئەتراپىدا، ئوقۇغۇچىلار دېڭىز-ئوكيان سارىيىنىڭ 1-قەۋىتىدىن 2-قەۋىتىگە چىقىۋاتقاندا، ئاپتوماتىك سىيرىلما لىفىتنىڭ سۈرئىتى تۇيۇقسىز ئاستىلاپ كېتىپ، ئايرىم ئوقۇغۇچىلار ئىھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشكەن. ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن، مەكتەپ دەرھال جىددىي تاقابىل تۇرۇش بىخەتەرلىك لايىھەسىنى قوللىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنى دەل ۋاقتىدا، تەرتىپلىك تارقاقلاشتۇردى.

  شىئەن قىزىل كىرىست جەمئىيىتى دوختۇرخانىسى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۇمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى لو يۈلۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يارىلانغان بالىلار 16 بولۇپ، يېشى 9 ياشتىن 12 ياشقىچە ئىكەن، كۆپىنچىلىرىنىڭ تېرىسى ۋە يۇمشاق توقۇلمىلىرى سۈركىلىپ زەخمىلەنگەن. بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچى كۆزىتىش ئۈچۈن دوختۇرخانىدا ياتقۇزۇلغان، بىر قىز ئوقۇغۇچىنىڭ زەخمىلەنگەن ئۆكچە پېيىنى ئوپېراتىسيە قىلىشقا توغرا كەلگەن، نۆۋەتتە ئۇ قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆكچە پېيى ئوپېراتسىيەسى تاماملانغان.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە