باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جايلار ئۆي بازىرىنى تەڭشەپ تىزگىنلەشتىكى تەپسىلىي پىرىنسىپنى ئارقا-ئارقىدىن چىقاردى(1)

2013.04.01 13:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى 30-مارت ئالدى بىلەن «دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ بەش تۈرلۈك تەدبىرى»دىكى ئۆي بازىرىنى تەڭشەپ تىزگىنلەش تەپسىلىي پىرىنسىپىنى چىقارغاندىن كېيىن، بېيجىڭ، شاڭخەي، چۇڭچىڭدىن ئىبارەت مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئۈچ شەھەرمۇ ئارقا-ئارقىدىن تەڭشەپ تىزگىنلەشنىڭ تەپسىلىي پىرىنسىپىنى چىقاردى. نۆۋەتتە جايلار چىقارغان «دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ بەش تۈرلۈك تەدبىرى»دىكى تەپسىلىي پىرىنسىپنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، تەڭشەپ تىزگىنلەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئايرىم-ئايرىم ئۆي باھاسىنى تىزگىنلەش نىشانى، سېتىۋېلىشقا چەك قويۇش سىياسىتى، %20 لىك شەخسىي تاپاۋەت بېجى ۋە 2-يۈرۈش ئۆي قەرز پۇلى قاتارلىق جەھەتلەرگە قارىتىلغان.

  جايلارنىڭ سىياسەت مەزمۇنىدىن قارىغاندا، جايلارنىڭ سىياسەتنى بوشىتىش ۋە چىڭىتىش دەرىجىسى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما تەڭشەپ تىزگىنلەش يۆنىلىشىنىڭ ئاساسەن بىردەكلىكىنى بايقىغىلى بولىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر بۇنى تەھلىل قىلىپ، بېيجىڭ، شاڭخەي، چۇڭچىڭ قاتارلىق جايلارنىڭ تەڭشەپ تىزگىنلەش تەپسىلىي پىرىنسىپىنى يولغا قويۇشىغا ئەگىشىپ، بۇ يىل ئۆي باھاسىنىڭ ئومۇمىي يۈزلىنىشى نورماللىشىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ دەپ قارىدى. 30-مارت چىقىرىلغان بېيجىڭنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ بەش تۈرلۈك تەدبىرىدىكى تەڭشەپ تىزگىنلەش تەپسىلىي پىرىنسىپىدا، تۈرلۈك تەڭشەپ تىزگىنلەش سىياسىتى ۋە تەدبىرىنى داۋاملىق قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئۆي مۈلۈك بازىرىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشىلىكىنى ساقلايمىز دەپ كۆرسىتىلدى. بېيجىڭ شەھىرىنىڭ بۇ يىللىق ئۆي باھاسىنى تىزگىنلەش نىشانى مۇنداق: پۈتۈن شەھەردىكى يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆيلەرنىڭ باھاسى 2012-يىلىدىكى باھاغا قارىغاندا، مۇقىملىقنى ساقلايدۇ، ئۆزى تۇرىدىغان، تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلاش تىپىدىكى تاۋار ئۆيلەرنىڭ باھاسى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىلىپ، باھاغا چەكلىمە قويۇلغان ئۆيلەرنى باشقۇرۇش قاتارىغا تەدرىجىي كىرگۈزۈلىدۇ.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە