باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جايلار ئۆي بازىرىنى تەڭشەپ تىزگىنلەشتىكى تەپسىلىي پىرىنسىپنى ئارقا-ئارقىدىن چىقاردى(4)

2013.04.01 13:57        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چۇڭچىڭ شەھىرى مۇنۇلارنى ئوتتۇرغا قويدى: باج باشقۇرۇش، ئۆي تىزىملاش قاتارلىق تارىخى ئۇچۇرلار ئارقىلىق ئۆي ئەھۋالى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانسا قانۇن بويىچە شەخسنىڭ تۇرالغۇسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش تاپاۋىتىنىڭ %20ى تۇتۇپ قىلىنىدۇ . دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، شاڭخەي شەھىرىنىڭ تەپسىلىي قائىدىسىدە بىردىنبىر تۇرالغۇ ئۆي بەش يىلغا توشسا شەخسىي تاپاۋەت بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ دېگەن مەزمۇن تىلغا ئېلىنمىغان. بۇنىڭغا قارىتا گۇ يۈنچاڭ مۇنداق دېدى: نۇرغۇن بەلگىلىمىلەر خېلى بۇرۇنلا ئېلان قىلىنغان، 2006-يىلىدىكى ھۆججەتتە بەش يىلدىن يۇقىرى بىردىنبىر تۇرالغۇ ئۆينىڭ بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە بايانلار بار. ليەنجا ئۆي مۈلۈك كەسپىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى يەنە مۇنداق دېدى: شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى تەڭشەشنىڭ «دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ بەش تۈرلۈك تەدبىرى»دىكى بازارغا زەربە بېرىدىغان ئەڭ چوڭ بىر تۈر ئىكەنلىكىدە گەپ يوق ياكى بولمىسا بۇ مەبلەغ سېلىش مەقسىتىدە ئۆي سېتىۋالىدىغانلارنىڭ ئۇزۇن يىللىق مۆلچىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. لېكىن ھەر نۆۋەتلىك باج تەڭشەشتىن قارىغاندا، ئارتۇق ئېھتىياج دائىرىسىنى تىزگىنلەش، سىياسەت تەدبىرلىرىنى كەچۈرۈم قىلىش يېتەرلىك ئەمەس. ئۇنداقتا، %20 تاپاۋەت بېجى ئېلىش ئۆي مۈلۈك بازىرىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ گۇ يۈنچاڭ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئەگەر نىمكەش ئۆينى ئۆتۈنۈپ بەرگەن تاپاۋەتتىن %20 شەخسى تاپاۋەت بېجى ئېلىنىدىغان بولسا، بازار تەمىناتى ئېھتىياجنى قاندۇرالماسلىق شارائىتىدا، بۇ باج چوقۇم ئۆي سېتىۋالغۇچىنىڭ زىممىسىگە چۈشىدۇ. ئىككى تەرەپ سودىسىدا نىمكەش ئۆي بازىرى سوۋۇپ، ئۆي سېتىۋېلىش ئېھتىياجى يېڭى ئۆي بازىرىغا قاراپ راۋاجلىنىدۇ، تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمايۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، يېڭى تاۋار ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئۆسۈش بېسىمى سەل چوڭىيىدۇ. ئىككىنچى يۈرۈش ئۆي سېتىۋېلىشقا قەرز بېرىش مەسىلىسىدە جايلارنىڭ تەپسىلىي قائىدىلىرى ئوخشاش ئەمەس. بېيجىڭ شەھىرى مۇنۇلارنى بەلگىلىدى: ھەر قايسى سودا بانكىلىرى، بېيجىڭ تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندى باشقۇرۇش مەركىزى تۇنجى يۈرۈش ئۆيگە قەرز بېرىشتىكى ئالدىن پۇل تاپشۇرۇش نىسبىتى ۋە قەرز ئۆسۈم نىسبىتى سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈچىنچى يۈرۈش ئۆي ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۆي سېتىۋالغۇچىلارغا قەرز بېرىشنى توختىتىش كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە