باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھىندىستان كىنوچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى (2)

2013.03.04 13:42        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1912-يىلى ئەنگلىيەلىك فىلىم ئىشلىگۈچى تونى بىر ھىندىستانلىق خىرىستىيان دىنى مۇرىتىنىڭ ئىش-ئىزلىرى باش تېما قىلىنغان ھېكايە فىلىم ‹‹فېڭدالىق››نى ئىشلەيدۇ. بۇ فىلىمنىڭ ئوپېراتورى ئەنگلىيەلىك بولغاچقا، ھىندىستانلىقلار 1913-يىلى فىلىم ئىشلىگۈچى بارجى ئىشلىگەن ‹‹ھارىس چاندىرا خانىدانلىقى›› ناملىق ھېكايە فىلىمنى ھىندىستان كىنوچىلىق تارىخىدىكى تۇنجى ھېكايە فىلىم دەپ قارايدۇ. بۇ فىلىم ھىندىستان خەلقىنىڭ ئەپسانە-رىۋايەتلىرىنى باش تېما قىلغاچقا، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولىدۇ. بۇ ‹‹ھارىس چاندىرا خانىدانلىقى›› ناملىق ھېكايە فىلىم ھىندىستان كىنوچىلىق ئىشلىرىغا ئاساس سېلىش بىلەن بىرگە، كېيىنكى ھىندىستان فىلىملىرىنىڭ ئىشلىنىش ئۇسلۇبى، مەزمۇنى ۋە ئىپادىلەش ۋاستىلىرى قاتارلىقلارنىمۇ يېڭى نەمۇنىلەر بىلەن تەمىن ئەتتى. شۇ سەۋەبتىن بۇ فىلىمنىڭ ئىشلىگۈچىسى بارجى ‹‹ھىندىستان كىنوچىلىقىنىڭ ئاتىسى›› دېگەن كاتتا شەرەپكە نائىل بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ھىندىستاننىڭ ھېكايە فىلىم ئىشلەش ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، نۇرغۇن يېڭى ھېكايە فىلىملەر مەيدانغا كېلىدۇ. ‹‹ئوت ئىچىدىكى لانكا شەھىرى›› (1917-يىلى ئىشلەنگەن)، ‹‹مەپتۇنكار باسماسۇر››، ‹‹ئىخلاسمەن سۇرداس››، ‹‹كاجى بىلەن دېۋىييانى››، ‹‹ساكۇنتالا›› دېگەنگە نۇرغۇن فىلىملەر ئەنە شۇ يىللاردا بارلىققا كەلگەن ھېكايە فىلىملەرنىڭ نەمۇنىلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەكلا قەدىمكى داستانلاردىن ‹‹ماخاپخاراتا›› بىلەن ‹‹رامايانا›› قاتارلىقلاردىكى مەزمۇنلارنى شۇنداقلا ھىندى خەلق ئەپسانە-رىۋايەتلىرىنى ئۆزىگە باش تېما قىلغان. 1913-يىلىدىن 1920-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ھىندىستاندا جەمئىي 20 گە يېقىن ھېكايە فىلىم ئىشلەنگەن.

  1918-يىلى ھىندىستان ‹‹ھىندىستان كىنوچىلىق قانۇنى››نى تۈزۈپ چىقىپ، كىنولارغا بولغان تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئىزچىلاشتۇرىدۇ. شۇنداقلا يەنە بومباي، مادراس ۋە كالىكۇتتادىن ئىبارەت ئۈچ كىنوچىلىق مەركەزلىرىدە كىنوفىلىم تەكشۈرۈپ باھالاش كومىتېتىنى قۇرۇپ چىقىدۇ، بۇ چاغدا بۇ باھالاش كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقى ۋە تەكشۈرۈپ باھالاش ھوقۇقى ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ قولىدا بولىدۇ. ئەمما، بۇ ھال ھىندىستان كىنوچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولالمايلا قالماستىن بەلكى يەنە، يېڭى كىنو شىركەتلىرى ۋە فىلىم ئىشلىگۈچىلەر ئارقىمۇ-ئارقىدىن بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. بىر تۈركۈم فىلىم ئىشلىگۈچىلەر كىنونى ۋاسىتە قىلىپ، ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ زۇلمىغا ۋە ئېكىسپىلاتاتسىيەسىگە بولغان قارشىلىقنى ئىپادىلەيدۇ. ۋەتەنپەرۋەرلىك تەرغىپ قىلىنغان فىلىم ‹‹ئانىغا ھۆرمەت››، ‹‹يىپ ئىگىرىش چاقى›› ۋە ‹‹ھىندىستانلىق قىز›› قاتارلىق فىلىملەر مانا مۇشۇ خىلدىكى فىلىملەرنىڭ ئۈلگىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ فىلىملەر قويۇلغاندىن كېيىن كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ۋە يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىدۇ. ھىندىستان خەلقىنىڭ داھىيسى گەندىنىڭ ئىنقىلابىي ھەرىكەتلىرى ئاساسىي تېما قىلىنغان فىلىم كىشىلەرنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىپ، ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىراتلارنى قالدۇرىدۇ. 1919-يىلى فىلىم ئىشلىگۈچى بارجىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بابۇل . فەنت ماخاراشترا كىنو شىركىتىنى قۇرۇپ چىقىپ، بەدىئىي سەۋىيەسى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان نۇرغۇن فىلىملەرنى ئىشلەپ چىقىدۇ. بۇ شىركەت ئىشلىگەن فىلىملەردە ۋەتەننى قوغداپ، تاشقى كۈچلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇش باش تېما قىلىنىپ، گۈزەل مەنزىرە، كۆركەم ۋە چىرايلىق زىبۇ-زىننەت ۋە كىيىم-كېچەكلەر، خەتەرلىك كۆرۈنۈشلەر باشتىن-ئاخىر ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولۇپ، ھەقىقەتەنمۇ كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدۇ. مۇشۇنداق بىر قاتار نادىر كىنولىرى بىلەن مەزكۇر كىنو شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، بۇ خىلدىكى فىلىملەرنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسى بولغان فەنتمۇ ھىندىستان كىنوچىلىق ئىشلىرىدىكى ئىككىنچى چوڭ يول ئاچقۇچى سەركەردىگە ئايلىنىدۇ. بومبايلق ئىشلىگۈچى لېيزايى 1925-يىلى دېھلى بۈيۈك شەرق كىنو شىركىتى بىلەن گېرمانىيەدىكى مەلۇم بىر كىنو شىركىتى بىلەن بىرلىكتە ئىشلىگەن ‹‹ئاسىيادىكى نۇر›› ناملىق فىلىمدە باش رول ئالىدۇ. بۇ فىلىمدە تىنتارت شاھزادىنىڭ بۇددا دىنى ئەقىدىلىرىنى تەرغىپ قىلىشى ھېكايە قىلىنغان بولۇپ، فىلىم گەرچە ھىندىستاندا ئانچە قارشى ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما ياۋرۇپادا كەڭ كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولىدۇ. لېيزايى بۇ فىلىمدە رول ئېلىپ خەلقئارا كىنو مۇنبىرىدە بىراقلا نام چىقىرىدۇ. كېيىن، ئۇ يەنە گېرمانىيە، ئەنگلىيەدىكى كىنو شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ھىندىستاندىكى مەشھۇر قۇرۇلۇش تاج ماھال مەقبەرىسىنى رېمۇنت قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى باش تېما قىلغان فىلىم ‹‹شىراز››نى ئىشلەپ چىقىدۇ. 1920-يىللارنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدە، ھىندىستاندا ھىندى خەلقىنىڭ ھەقىقىي، رېئال تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرگەن فىلىملەر بارلىققا كېلىشكە باشلايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بېنگاللىق رېژىسسور 1926-يىلى رېژىسسورلۇق قىلغان كومېدىيەلىك فىلىم ‹‹ئەنگلىيەدىن قايتىپ كېلىش›› ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەنگەن فىلىملەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ فىلىمدە ھىندى خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتىنى كەمسىتىدىغان، ئەجنەبىيلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە قارىغۇلارچە چوقۇنىدىغان كىشىلەرگە بولغان كۈچلۈك كىنايە، ھەجىۋى باش تېما قىلىنغا بولۇپ، فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن، جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىر قوزغايدۇ.

  1925-يىلى بابرا پەنت سۈرەتكە ئېلىپ ئىشلىگەن ‹‹ھىندىستانلىق شېرلوك›› ناملىق فىلىم ئىجتىمائىي مەسىلىلەر باش تېما قىلىنغان ۋەكىل خاراكتېرلىك فىلىم بولۇپ، بۇ فىلىمدە ھىندىستان يېزىلىرىدىكى جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ھەم ئېزىلىشكە ئۇچراۋاتقان دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشى باش تېما قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ‹‹كۆزەينەكلىك يىلان››، ‹‹20-ئەسىردە››، ‹‹يېڭى ھىندىستان››، ‹‹جىنايەت ۋە جازا››، ‹‹شاردا›› قاتارلىقلارمۇ جەمئىيەتتىكى رېئال مەسىلىلەرنى باش تېما قىلغان نادىر فىلىملەر ھېسابلىنىدۇ.

  بۇ مەزگىللەردە، نۇرغۇنلىغان فىلىم ئىشلىگۈچىلەر تارىخىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەردىن تېما تاللاپ فىلىم ئىشلەشكە باشلايدۇ. مادىن تىياتىرخانىسى ئەڭ ئاۋۋال بېنگاللىق مەشھۇر يازغۇچى بەنجىم چاندرانىڭ توققۇز قىسىملىق ئەدەبىي ئەسىرىنى سېنارىيەلەشتۈرۈلۈپ، ‹‹بەخت-سائادەت پەرىسى›› قاتارلىق مۇنەۋۋەر فىلىملەرنى ئىشلەپ چىقىدۇ. بۇ مەزگىلدە نامى چىققان رېژىسسورلاردىن سۇجىت سىنگ، ئادشىر ئىرانى، ۋادىيا، چاندلار قاتارلىقلار بار.

  1920-يىللاردىن 1930-يىللارنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرى ھىندىستان كىنوچىلىقىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن مەزگىللىرى بولۇپ، ئىشلەنگەن ئاۋازسىز كىنولارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، 1931-يىلىغىچە جەمئىي 207 ئاۋازسىز فىلىم ئىشلەنگەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر بولغانلىرىدىن ‹‹دېۋىداس››، ‹‹ئويۇنچۇق ماشىنا››، ‹‹جىلى بارا››، ‹‹دوزاخ-جەننەت›› قاتارلىق فىلىملەر بار. 1932-يىلى، چەت ئەللەرنىڭ نۇرغۇن فىلىملىرى ھىندىستانغا كىرىشكە باشلاپ، ھىندىستاننىڭ ئاۋازسىز كىنو بازىرى زور خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ، شۇنداقلا يىللىق فىلىم ئىشلەش سانى ئاران 80 گە چۈشۈپ قالىدۇ. 1934-يىلى ھىندىستاندا ئاران يەتتىلا ئاۋازسىز فىلىم ئىشلىنىدۇ، 1935-يىلى ھىندىستاندا ئاۋازسىز فىلىم ئىشلەش دەۋرى پۈتۈنلەي ئاخىرلىشىدۇ.

  1930-يىلى ھىندىستان ئىمپېرىيە كىنو شىركىتىنىڭ رېژىسسورى ئەردەشىر ئىرانى چەت ئەللەرنىڭ ئاۋازلىق كىنولىرىنىڭ ئىلھامى بىلەن، ھىندىستان كىنوچىلىق تارىخىدىكى تۇنجى ئاۋازلىق كىنو ـــ ‹‹ئالەم ئارا››نى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەپ چىقىدۇ. فىلىم ئەرەب خەلق چۆچەكلىرىنىڭ مۇجەسسىمى بولغان ‹‹مىڭبىر كېچە››دىكى ئايرىم ۋەقەلىكنى باش تېما قىلغان بولۇپ، كۆرۈنۈشلىرى ئۆزگىچە ۋە جەلىپكار، شۇنداقلا 10 نەچچە ناخشا ۋە نۇرغۇن ئۇسسۇللار كىرىشتۈرۈلگەن. بۇ فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئىنتايىن كۈچلۈك تەسىر قوزغايدۇ. ئاۋازلىق فىلىملەر نىسبەتەن يۇقىرى تېخنىكا ۋە ئۈسكۈنە شارائىتىنى تەلەپ قىلغانلىقتىن، 1930-يىللاردا كىنو ئىشلەش ئىشلىرى ئاساسەن بومباي، كالىكۇتتا، مادراس قاتارلىق چوڭ شەھەرلىرىگىلا مەركەزلىشىپ قالغان. بۇ مەزگىللەردە بومباي ئاۋازلىق كىنو شىركىتى، كالىكۇتتا يېڭى تىياتىر كىنو شىركىتى، جارھاپور سۈبھى كىنو شىركىتى قاتارلىقلار كىنوچىلىق ئىشلىرىدا ئەمەلىي كۈچى نىسبەتەن زور شىركەتلەر ھېسابلىناتتى. بۇ شىركەتلەر ئەينى يىللىرى ھىندىستاندا ئاۋازلىق كىنولىرىنى ئىشلەش ۋە تارقىتىش ئىشلىرىنى پۈتۈنلەي مۇنۇپۇل قىلىۋالغانىدى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە