باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھىندىستان كىنوچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى (3)

2013.03.04 13:42        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1920-يىللاردىن 1930-يىللارنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرى ھىندىستان كىنوچىلىقىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن مەزگىللىرى بولۇپ، ئىشلەنگەن ئاۋازسىز كىنولارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، 1931-يىلىغىچە جەمئىي 207 ئاۋازسىز فىلىم ئىشلەنگەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر بولغانلىرىدىن ‹‹دېۋىداس››، ‹‹ئويۇنچۇق ماشىنا››، ‹‹جىلى بارا››، ‹‹دوزاخ-جەننەت›› قاتارلىق فىلىملەر بار. 1932-يىلى، چەت ئەللەرنىڭ نۇرغۇن فىلىملىرى ھىندىستانغا كىرىشكە باشلاپ، ھىندىستاننىڭ ئاۋازسىز كىنو بازىرى زور خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ، شۇنداقلا يىللىق فىلىم ئىشلەش سانى ئاران 80 گە چۈشۈپ قالىدۇ. 1934-يىلى ھىندىستاندا ئاران يەتتىلا ئاۋازسىز فىلىم ئىشلىنىدۇ، 1935-يىلى ھىندىستاندا ئاۋازسىز فىلىم ئىشلەش دەۋرى پۈتۈنلەي ئاخىرلىشىدۇ.

  1930-يىلى ھىندىستان ئىمپېرىيە كىنو شىركىتىنىڭ رېژىسسورى ئەردەشىر ئىرانى چەت ئەللەرنىڭ ئاۋازلىق كىنولىرىنىڭ ئىلھامى بىلەن، ھىندىستان كىنوچىلىق تارىخىدىكى تۇنجى ئاۋازلىق كىنو ـــ ‹‹ئالەم ئارا››نى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەپ چىقىدۇ. فىلىم ئەرەب خەلق چۆچەكلىرىنىڭ مۇجەسسىمى بولغان ‹‹مىڭبىر كېچە››دىكى ئايرىم ۋەقەلىكنى باش تېما قىلغان بولۇپ، كۆرۈنۈشلىرى ئۆزگىچە ۋە جەلىپكار، شۇنداقلا 10 نەچچە ناخشا ۋە نۇرغۇن ئۇسسۇللار كىرىشتۈرۈلگەن. بۇ فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئىنتايىن كۈچلۈك تەسىر قوزغايدۇ. ئاۋازلىق فىلىملەر نىسبەتەن يۇقىرى تېخنىكا ۋە ئۈسكۈنە شارائىتىنى تەلەپ قىلغانلىقتىن، 1930-يىللاردا كىنو ئىشلەش ئىشلىرى ئاساسەن بومباي، كالىكۇتتا، مادراس قاتارلىق چوڭ شەھەرلىرىگىلا مەركەزلىشىپ قالغان. بۇ مەزگىللەردە بومباي ئاۋازلىق كىنو شىركىتى، كالىكۇتتا يېڭى تىياتىر كىنو شىركىتى، جارھاپور سۈبھى كىنو شىركىتى قاتارلىقلار كىنوچىلىق ئىشلىرىدا ئەمەلىي كۈچى نىسبەتەن زور شىركەتلەر ھېسابلىناتتى. بۇ شىركەتلەر ئەينى يىللىرى ھىندىستاندا ئاۋازلىق كىنولىرىنى ئىشلەش ۋە تارقىتىش ئىشلىرىنى پۈتۈنلەي مۇنۇپۇل قىلىۋالغانىدى.

  1930-يىللىرى ھىندىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ تازا جانلانغان مەزگىلى بولۇپ، كىنولاردا رېئالىزملىق خاھىش كۈنسېرى گەۋدىلىنىشكە باشلايدۇ. ئاۋازلىق كىنىونىڭ بارلىققا كېلىشى ئارتىسلارنىڭ رول ئېلىش ماھارىتى ۋە كىنو سەنئىتىگە بولغان قىزغىنلىقىدىمۇ غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. كىنولاردا يەنە سەھنە تىياتىرىدىكى نۇرغۇن ئامىللار ۋە نۇرغۇن ناخشا-ئۇسسۇلار كىرىشتۈرۈلگەچكە، ناخشا-ئۇسسۇل ئارتىسلىرى، دىراما ئارتىسلىرى قاتارلىقلارمۇ فىلىم ئىشلەشكە قاتنىشىشقا باشلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئابروي-ئىناۋىتى ۋە خەلق ئارىسىدىكى تەسىرىمۇ ھەسسىلەپ ئېشىشقا باشلايدۇ، كومپوزىتور ۋە مۇزىكانتلارمۇ بىر پۈتۈن كىنونىڭ ئىشلىنىپ چىقىشىدىكى ئاساسلىق تايانچىلارغا ئايلىنىدۇ. ئىلگىرى ئىشلەنگەن نۇرغۇن ئاۋازلىق كىنولار ئەمەلىيەتتە، كىنو ئاپپاراتى ئارقىلىق سۈرەتكە ئېلىنىپ قايتا ئىشلەنگەن سەھنە تىياتىرلىرىدىن ئىبارەت بولغان. 1930-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، ھىندىستاننىڭ كىنو سانائىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سانائىتىدە 8-ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.

  ئىككىنچى دۇنيا ئورۇشى مەزگىلىدە، كىنو ئىشلەشتە پۈتۈنلەي ئىمپورت قىلىنغان كىنولارنىڭ سۈرەت پىليونلىسىنى ئىشلىتىلەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تولىمۇ قىس ئىدى. شۇ سەۋەبتىن فىلىمنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى 11000 ئىنگلىز چىسىدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك تەلەپ قىلىناتتى. شۇنداق بولغانلىقتىن ئىشلىنىدىغان فىلىملەرنىڭ سانىمۇ تەبىئىي ھالدا ئازىيىپ كەتكەن، لېكىن ئورۇشتىن كېيىن ئىشلەنگەن فىلىملەرنىڭ سانى يەنە كۆپىيىشكە باشلايدۇ. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ھىندىستاندا پارتلىغان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇش ئۈچۈن، 1943-يىلى كىنوفىلىملىرىگە بولغان تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مۇستەملىكىچىلىككە ئائىت فىلىملەرنى قويۇشنى قەتئىي چەكلەيدۇ. 1946-يىلى بېنگال خەلق دىرامىچىلار جەمئىيىتى بىلەن رېژىسسور ئابباس ھەمكارلىشىپ ‹‹زېمىن پەرزەنتلىرى›› ناملىق فىلىمنى ئىشلەپ، 1943-يىلى بېنگالدا يۈز بەرگەن بالايىئاپەتنى تەسۋىرلەيدۇ. ‹‹زېمىن پەرزەنتلىرى›› ناملىق بۇ فىلىم ھىندىستان تارىخىدىكى تۇنجى يېڭى رېئالىزملىق فىلىم بولۇپ قالىدۇ. 1946-يىلى رېژىسسور شانتارام ھىندىستاندىكى مەشھۇر دوختۇر كوتنىسنىڭ جۇڭگونىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە كۆرسەتكەن باتۇرانە ئىش-ئىزلىرى تەسۋىرلەنگەن ‹‹كوتنىس دوختۇرنىڭ ئۆچمەس ئىش-ئىزلىرى›› ناملىق فىلىمنى ئىشلەپ چىقىدۇ. ‹‹زېمىن پەرزەنتلىرى›› بىلەن ‹‹كوتنىس دوختۇرنىڭ ئۆچمەس ئىش-ئىزلىرى›› ناملىق ئىككى فىلىم ھىندىستان كىنوچىلىق تارىخىدىكى ئۆچمەس نامايەندىلەر ھېسابلىنىدۇ.

  ئىككىنچى دۇنيا ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ھىندىستانغا بولغان بىۋاستە ھۆكۈمرانلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالىدۇ. 1947-يىلى ھىندىستان ھىندىستان بىلەن پاكىستانغا بۆلۈنۈپ، ئاپتونومىيەگە ئېرىشىدۇ، 1950-يىلى مۇستەقىللىققە ئېرىشىپ ھىندىستان جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھىندىستان كىنوچىلىق ئىشلىرىمۇ يېڭىباشتىن جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشقا باشلاپ، بىر تۈركۈم يېڭى كىنو سەنئەتكارلىرى بارلىققا كېلىپ، كىنودا رېئاللىقنى ھەقىقىي ۋە چىن ئەكس ئەتتۈرۈشكە باشلايدۇ. مەسىلەن، 1949-يىلى ئىشلەنگەن ‹‹بەختسىز كىشىلەر›› ناملىق فىلىم بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ. بۇ فىلىم ‹‹زېمىن پەرزەنتلىرى›› ناملىق فىلىم بىلەن بىر قاتاردا يېزىلاردىكى جاپاكەش، ئاقكۆڭۈل دېھقانلارنىڭ جاپالىق ھەم ئېچىنىشلىق تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن. 1953-يىلى رېژىسسور ئابباس ئەنگلىيە چايزارلىق خۇجايىنلىرىنىڭ ھىندىستانلىق چاي ئىشچىلىرىنى ئېكىسپالاتسىيە قىلغانلىقى تەسۋىرلەنگەن ھېكايە ‹‹ئىككى تال يۇپۇرماق، بىر تال بىخ››نى ئۆزگەرتىپ سىنارىيەلەشتۈرۈپ، ‹‹ھەمراھ›› ناملىق فىلىمنى ئىشلىمەكچى بولغان بولسىمۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ئارىلىشىشى سەۋەبلىك تولۇق ئىشلەنمەي قالىدۇ. 1951-يىلى ھىندىستانلىق مەشھۇر كىنو سەنئەتكارى، سىنارست، رېژىسسور راج كاپور ئۆزى باش رول ئېلىپ ‹‹سەرگەردان›› فىلىمنى ئىشلەيدۇ. بۇ فىلىمدە، ھىندىستاندىكى ئەينى زامانلاردىكى نامراتلىق، يوقسۇزلۇق، سىنىپىي كۈرەش قاتارلىقلار باش تېما قىلىنغان بولۇپ، فىلىم قويۇلغاندا ھىندىستان ۋە خەلقئارادا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغايدۇ. بۇ فىلىم 1953-يىلى گانا خەلقئارا كىنو بايرىمىدا مۇكاپاتلىنىپ، خەلقئارادىكى 10 مەشھۇر فىلىمنىڭ بىرى بولۇپ باھالىنىدۇ.

  1953-يىلى، ھىندىستانلىق رېژىسسور رويى ھىندىستان كىنوچىلىق تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان ھېكايە فىلىم ‹‹ئىككى مو يەر››نى ئىشلەيدۇ. بۇ فىلىم ئىپادىلىگەن باش تېما بولسۇن ياكى ئىپادىلەش ۋاستىلىرى بولسۇن، ھىندىستان كىنوچىلىقىنىڭ ئەنئەنىۋى شەكلىنى بۇزۇپ تاشلىغان بولۇپ، دېھقانلار بىلەن يەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى روشەن ئىپادىلەپ، دېھقانلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ھەقىقىي ئېچىپ بېرىپ، ھەقىقىي، چىن پېرسۇناژلار ئوبرازىنى يارىتىپ ھەم مۇزىكا بىلەن مەزمۇننى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، فىلىمنىڭ جەلىپكارلىقى ئاشۇرۇش مەقسىتىگە يەتكەن. 1950-يىللارنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدە كالىكۇتتادا بىر تۈرلۈك ياش رېژىسسورلار يېتىشىپ چىقىپ، ‹‹يېڭى كىنو››چىلىق بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ‹‹كىنو بىر خىل تۆۋەن سەۋىيەدىكى كۆڭۈل ئېچىش شەكلى ئەمەس، بەلكى بىر خىل مۇنتىزىم ئىپادىلەش شەكلى›› دېگەن ئىدىيەنى تەشەببۇس قىلىپ، ‹‹ئۆي ئىچى كۆرۈنۈشلىرى بىلەن سىرتقى كۆرۈنۈشلەرنى ئازايتىپ، خەلق ئاممىسى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت باغلايدىغان تېمىلارنى تاللاش›› مۇھىم ئورۇندا تۇرۇشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. ‹‹يېڭى كىنوچىلىق ھەرىكىتى››نىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى بولغان ياش رېژىسسور راينىڭ رېژىسسورلۇقىدىكى تۇنجى ھېكايە فىلىم ‹‹ھەقىقەت ناخشىسى›› 1955-يىلى ئىشلەنگەن بولۇپ، بۇ فىلىم كالىكۇتتادىكى دېھقانلارنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇشىنى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. بۇ فىلىم 9-نۆۋەتلىك گانا خەلقئارا كىنو بايرىمىنىڭ ‹‹كىشىلىك ھوقۇق گۇۋاھنامىسى مۇكاپاتى›› ۋە باشقا ئالتە تۈردە خەلقئارالىق كىنو مۇكاپاتىغا نائىل بولۇپ، ھىندىستان كىنوچىلىق تارىخىدا بىر يارقىن نەمۇنە ياراتقان. راي رېژىسسورلۇق قىلىپ ئىشلىگەن 20 نەچچە فىلىمنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرىنىڭ ھەممىسى تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا نائىل بولغان. باشقا رېژىسسورلارنىڭ ئىشلىگەن فىلىملىرىمۇ ئوخشاشلا ھىندىستاننىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالى، نامراتلىق، ئېكىسپلاتاتسىيە، سىياسىي ۋەقەلەر ۋە سىنىپىي كۈرەشلىرى قاتارلىقلارنى ئەكس ئەتتۈرگەن.

  1960-يىللاردا ھىندىستاننىڭ كىنوچىلىقىنىڭ يىللىق مىدارى 300 دىن ئاشقان. ‹‹يېڭى كىنوچىلىق ھەرىكىتى››نىڭ تەسىرى بىلەن نۇرغۇن مۇنەۋۋەر فىلىملەر بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئاساسلىقى كالىكۇتتانىڭ دۆلەت تىلىدىكى فىلىملەرنىڭ سەۋىيەسى نىسبەتەن يۇقىرى. رېژىسسور راينىڭ ‹‹ئىككى قىزچاق›› (1964-يىلى ئىشلەنگەن)، ‹‹چوڭ شەھەر رايونى›› (1963-يىلى ئىشلەنگەن)، ‹‹چالرادا›› (1964-يىلى ئىشلەنگەن)، ‹‹باش رول›› (1966-يىلى ئىشلەنگەن)، ‹‹ناخشىچى گۇبى بىلەن داپچى بابى›› (1968-يىلى ئىشلەنگەن)، ‹‹ئورمانلىقتىكى كۈنلەر ۋە تۈنلەر›› (1970-يىلى ئىشلەنگەن)، ‹‹ھايۋاناتلار باغچىسى›› قاتارلىق فىلىملىرى بۇ دەۋردىكى فىلىملەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ فىلىملەر ھىندىستاندىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارادىمۇ نۇرغۇن مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. جەنۇبىي ھىندىستاننىڭ ‹‹گانگى دەرياسى ئانا، مەن سېنىڭ سېرىق پەرىجەڭگە تېۋىنىمەن›› ناملىق فىلىمى ھىندىستاندا غايەت زور غۇلغۇلا قوزغايدۇ ھەمدە ھەرقايسى جايلاردىكى فىلىم ئىشلىگۈچىلەرگىمۇ زور ئىلھام-مەدەت بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بەس-بەستە فىلىم ئىشلەشكە باشلايدۇ. ھىندى تىلىدىكى فىلىملەردىن ‹‹شۇم ئەپەندى›› (1969-يىلى ئىشلەنگەن)، ‹‹قېچىپ كېتىش››، ‹‹تۈن قوينىدىكى بومباي›› (1968-يىلى ئىشلەنگەن) قاتارلىق فىلىملەر ‹‹يېڭى كىنوچىلىق ھەرىكىتى››دىكى تىپىك فىلىملەردىن بولۇپ قالىدۇ.

  1970-يىللاردا، ھىندىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە زور داۋالغۇشلار بولۇپ، سىنىپىي زىددىيەتلەر تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىپ، ئىجتىمائىي مەسىلىلەر تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. تولىمۇ قىيىن تۇرمۇش شارائىتىدا ياشاۋاتقان خەلق ئۆزلىرىنىڭ جاپالىق تۇرمۇش شارائىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىگە پارلاق مەنزىل كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان مەنىۋى ئوبرازلارنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. بەزى فىلىم سودىگەرلىرى خەلقنىڭ مۇشۇ خىل تەلپۈنۈشى ۋە ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى چىقىش قىلىپ تېخىمۇ كۆپ پايدىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، غەربنىڭ كىنولىرىغا تەقلىد قىلىپ، بىر تۈركۈم چامباشىچلىق، مۇشتلاش فىلىملىرىنى ئىشلەيدۇ. فىلىمدىكى ۋەقەلىكلەر پۈتۈنلەي ئويدۇرۇپ چىقىلغان بولۇپ، فىلىملەر باشتىن-ئاخىر دېگۈدەك بىر خىل شەكىلدە، بىر خىل ئۇسلۇبتا ئىشلىنىدۇ. بۇ خىلدىكى فىلىملەرنىڭ سۈرەتكە ئېلىش تەننەرخى يۇقىرى، سۈرەتكە ئېلىنغان مەيدان تولىمۇ ئۆزگىچە، ئۇنىڭ ئۈستىگە نىسبەتەن تەسىرى بار چولپانلار رول ئالغان بولغاچقا، بۇ فىلىملەر ئەينى يىللىرى ‹‹كۆپ چولپانلىق فىلىملەر›› دەپ ئاتالغان. بۇ خىل ھالەت كېيىنچە فىلىمنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا چولپانلارنى ئاساس قىلىپ باھا بېرىدىغان ھىندىستان تاماشىبىنلىرىنىڭ ئۆزگىچە ھۇزۇرلىنىش ئۇسلۇبىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. چامباشىچىلىق فىلىم چولپىنى ئا . بابازخان رول ئالغان ‹‹يالقۇن›› ناملىق فىلىم پۈتۈن مەملىكەت مىقىياسىدا ئۇدا ئۈچ يىل قويۇلغان بولسىمۇ، كىنوخانىلار ھەر قېتىم تاماشىبىنلار بىلەن لىق تولغان. بۇنىڭدىن باشقا ‹‹پىداكارلىق››، ‹‹دوستلۇق›› ناملىق فىلىملەرمۇ تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان چامباشىچلىق فىلىملىرىدۇر.

  1970-يىللاردىن بېرى، ‹‹يېڭى كىنوچىلىق ھەرىكىتى›› پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە تەرەققىي قىلىپ ۋە زورىيىپ، بىر ئەۋلاد رېژىسسورلار يېتىشىپ چىقىدۇ. ئۇلار ‹‹يېڭى كىنوچىلىق ھەرىكىتى››نىڭ روھى بويىچە بىر تۈركۈم فىلىملەرنى ئىشلەپچىقىدۇ. رېژىسسور شام بېنىگال ئىشلىگەن ‹‹بىخ›› (1974-يىلى ئىشلەنگەن) ناملىق فىلىمدە، ئېزىلگەن خەلقىنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىك تۇرمۇشى، ئادالەت ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى كەسكىن كۈرەشلىرى تەسۋىرلەنگەن. رېژىسسور ساتۇ ئىشلىگەن ‹‹ئىسسىق شامال›› (1973-يىلى ئىشلەنگەن) ناملىق فىلىمدە، ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ بۆلۈنۈپ كەتكەندىن كېيىنكى مۇسۇلمان ئائىلىلەرنىڭ تەرەپ-تەرەپكە چېچىلىپ كېتىشى ۋە جاپا-مۇشەققەتلىك تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن. رېژىسسور ئالامانتەن ئىشلىگەن ‹‹يېتىپ كەلمەك›› (1974-يىلى ئىشلەنگەن) ناملىق فىلىمدە، ھىندىستان جەمئىيىتىنىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرى ئېچىپ بېرىلگەن. رېژىسسور رېيدى ئىشلىگەن ‹‹دىلى سۇنۇقنىڭ يىغا ئاۋازى›› (1980-يىلى ئىشلەنگەن) ناملىق فىلىمدە، بۇرژۇئازىيە قانۇنىنىڭ ناچارلىقى قامچىلانغان. بۇ فىلىملەر ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن چىقىپ تۇرۇپ، ھىندىستان جەمئىيىتىدىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ئېچىپ بەرگەن.

  1985-يىلىغا كەلگەندە ھىندىستاننىڭ يىللىق فىلىم ئىشلەش مىقدارى 912 دىن ئېشىپ كەتكەن. ھىندىستان كىنو ئىشلەش جەھەتتە 1971-يىلىدىن بۇيان، ئۇدا 14 يىل دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ قىسىم فىلىملەر ئاۋۋالقىدەكلا مۇھەببەت بىلەن ناخشا-ئۇسسۇلنى ئاساس قىلغان. بۇ تۈردىكى فىلىملەر كەڭ يېزا، سەھرالاردا ئىنتايىن بازار تاپقان، ئەمما شەھەرلەردە تېلېۋىزىيە بىلەن سىنئالغۇنىڭ تەرەققىياتى تېز بولغاچقا، كىنونىڭ تاماشىبىنلىرى زور دەرىجىدە ئازىيىپ كېتىپ، كىنو ئىشلەشتىن كېلىدىغان ئىقتىسادىي كىرىمگە زور تەسىر كۆرسەتكەن. يەنە بىر جەھەتتىن، ھىندىستان جەمئىيىتىدىكى كىرزىسلار بارغانسېرى ئۆتكۈرلىشىپ، كەڭ خەلق ئاممىسى رېئال تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈش ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئاساسى تېما قىلغان فىلىملەرنىڭ كۆپلەپ ئىشلىنىشنىگە بولغان تەلەپلەر كۈچىيىشكە باشلايدۇ. بۇ مەزگىلدە چامباشىچىلىق فىلىملىرىنى ئىشلەش پەسكويغا چۈشۈپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى باش تېما قىلغان فىلىملەر كۆپلەپ ئىشلىنىشكە باشلايدۇ.

  1985-يىلى بومباينى ئاساسلىق كىنو ئىشلەش مەركىزى قىلغان ھالدا ئىشلەپچىقىرىلغان ھىندى تىلىدىكى فىلىملەرنىڭ سانى 170 تىن ئاشىدىغان بولۇپ، ھىندى تىلىدىكى فىلىملەردە كۆڭۈل ئېچىشنى ئاساس قىلغان. يېقىنقى يىللاردا بەزى رېژىسسورلار ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش بىلەن ئىچكى قىسىمدىكى زىددىيەتلەرنى تېما قىلىپ، رېئال تېمىدىكى فىلىملەرنى كۆپلەپ ئىشلەشكە باشلايدۇ. رېژىسسور نىھالانى ئىشلىگەن ‹‹راست-يالغان››، رېژىسسور سەييىد مىرزا ئىشلىگەن ‹‹ۋېستنىڭ ئادالەت ئۈچۈن سوتلىنىشى››، رېژىسسور ساتۇ ئىشلىگەن ‹‹ئىزدىنىش›› قاتارلىق فىلىملەر بۇ تۈردىكى فىلىملەرنى ئۈلگىسى بولالايدۇ.

  مادراسنى ئاساسلىق فىلىم ئىشلەش مەركىزى قىلغان جەنۇبىي ھىندىستان كىنو شىركىتى ئىشلىگەن فىلىملەر پۈتۈن ھىندىستان كىنو ئىشلەش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. تىل چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن جەنۇبىي ھىندىستاننىڭ فىلىملىرى ھىندىستاننىڭ باشقا رايونلىرىغا تارقىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، فىلىم ئىشلىگۈچىلەر ئىشلىگەن فىلىملىرىنى باشقا رايونلاردىمۇ بازارغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، فىلىملەرنىڭ ئىككى ياكى ئۈچ خىلدىكى نۇسخىسىنى بىرلا ۋاقىتتا بازارغا سالىدىغان بولدى.

  تامىل تىلىدىكى فىلىملەر ئاساسلىقى مادراسنى ئاساسلىق كىنو ئىشلەش مەركىزى قىلغان بولۇپ، يىللىق فىلىم ئىشلەش مىقدارى 100 دىن ئاشقان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بەلگىلىك ساندىكى ئىجتىمائىي تېمىدىكى فىلىملەر بىلەن بەدىئىي فىلىملەرمۇ ئىشلەندى. مەسىلەن، ئاتاقلىق رېژىسسور ساتۇرماتا ئىشلىگەن ‹‹رېئاللىق››، ياش رېژىسسور نارخاران ئىشلىگەن ‹‹زەھەرلىك گاز ئۇرۇشى››، رېژىسسور كومار سىۋامىناتان ئىشلىگەن ‹‹بىر ھىندىستانلىقنىڭ چۈشى›› قاتارلىقلار فىلىملەر بۇ تۈردىكى فىلىملەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، رېژىسسور ماخىڭدىران ئىشلىگەن ‹‹راك››، نەنداكام ئىشلىگەن ‹‹ئارزۇ››، رېژىسسور جون ئابراھام ئىشلىگەن ‹‹بىراھمانلار كەنتىدىكى ئېشەك›› قاتارلىق فىلىملەرمۇ رېئال تېمىدىكى فىلىملەر ھېسابلىنىدۇ.

  كەننادا تىلىدىكى فىلىملەر 1970-يىللاردا دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا نۇرغۇنلىغان كىنو مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشىپ زور غۇلغۇلا قوزغاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭى كىنوچىلىق ھەرىكىتىنىڭ بۇ تىلدىكى فىلىملەرگە بولغان تەسىرىمۇ نىسبەتەن گەۋدىلىك بولغان. ئاتاقلىق رېژىسسورلاردىن گىرىش كامېد، كاللاندس، ساتۇ، پۇلەيما كالاندىس قاتارلىقلار ئۇنىڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىلىرى بولغان. ساتۇ رېژىسسورلۇق قىلغان ‹‹ئاچارچىلىق››، پۇلەيمان كالاندىس رېژىسسورلۇق قىلغان ‹‹كىچىك تۇل خوتۇن››، گىرىش كامېد رېژىسسورلۇق قىلغان ‹‹ئۈچ ئاچا يول›› قاتارلىق فىلىملەرنىڭ تەسىرى نىسبەتەن زور بولغان.

  كەننادا تىلىدىكى فىلىملەردە ئاساسلىقى جەنۇبىي ھىندىستاننىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى باش تېما قىلىنغان. 1980-يىللاردا كەننادا تىلىدا 100 فىلىم ئىشلەنگەن بولۇپ، نۇرغۇن فىلىملەر كۆپەيتىلىپ ھىندى، تامىل، تېلوگو، ماررايارام تىللىرىدا نەشر قىلىنىپ، جەنۇبىي ھىندىستاندا كەڭ كۆلەمدە قارشى ئېلىنغان. ئىشتاتلىق ھۆكۈمەت ئىشلەنگەن كەننادا تىلىدىكى ھەربىر فىلىمگە 50 مىڭ رۇپىيەدىن ياردەم بەرگەن، يەنە فىلىم ئىشلىگۈچى، رېژىسسور، تېخنىك خادىم ۋە كومپوزىتور قاتارلىقلارنى مۇكاپاتلاشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بەنگالورنى كىنوچىلىق شەھىرى قىلىشنى پىلانلىغان.

  كاررارا ئىشتاتىنىڭ ماررايارام تىلىدا فىلىم ئىشلەش ئىشلىرى 1930-يىللاردا باشلىنىپ، 1960-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە خىېلى زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرگەن، 1984-يىلى يىللىق فىلىم ئىشلەش مىقدارى 121 غا يەتكەن، 1985-يىلى فىلىم ئىشلەش مىقدارى سەل ئاشقان. ئىشتاتلىق ھۆكۈمەت فىلىم ئىشلەپچىقىرىشنى ئاكتىپلىق بىلەن قوللاپ، مەزكۇر ئىشتاتتا ئىشلەنگەن ھەربىر ماررايارام تىلىدىكى فىلىمگە 50 مىڭ رۇپىيەدىن ياردەم بەرگەن. 1970-يىللارنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە، مەزكۇر ئىشتاتتا ئىشلەپچىقىرىلغان فىلىملەردە ناخشا-ئۇسسۇل، مۇھەببەت ۋە دىيالوگلار ئاساس قىلىنغان، 1980-يىللاردا، بەزى رېژىسسورلار ‹‹يېڭى كىنوچىلىق ھەرىكىتى››نىڭ تەسىرى سەۋەبىدىن تەدرىجىي ھالدا رېئاللىقىنى ئىپادىلەشكە يۈزلەنگەن. مەسىلەن، ئابدۇل گاۋپالا كىرىشنا رېژىسسورلۇق قىلغان، 1982-يىلى ئەنگلىيە ئاكادېمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ‹‹چاشقان تۇتۇش ماشىنىسى››، ئالاۋان سىتىۋ رېژىسسورلۇق قىلغان ‹‹تاڭ شەپىقى›› (1977-يىلى ئىشلەنگەن)، ‹‹ئىستاپەن›› (1979-يىلى ئىشلەنگەن)، سەيىس رېژىسسورلۇق قىلغان ‹‹دۆلەت›› ۋە ‹‹جىمجىتلىق››، رېژىسسور ساھىنتالاننىڭ ‹‹مەنزىل›› ناملىق فىلىملەر بۇ تۈردىكى فىلىملەرگە مىسال بولالايدۇ.

  كالىكۇتتانى مەركەز قىلغان غەربىي بېنگال ئىشتاتى ھىندىستاندىكى مۇھىم كىنوچىلىق بۆشۈكلىرىنىڭ بىرى. شۇنداقلا ‹‹يېڭى كىنوچىلىق ھەرىكىتى›› تارقالغان جايى بولۇپ، ھىندىستان كىنوچىلىق ئىشلىرىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان. 1920-يىللاردىن باشلاپ، چوڭ تىپتىكى كىنوچىلىق شىركەتلىرى قۇرۇلۇپ، ئاتاقلىق شەخسلەردىن مەددېن، گاڭگۇل، باروۋا، بوس قاتارلىقلار ئارقىمۇ-ئارقا مەيدانغا كېلىدۇ. بېنگالنىڭ يىللىق فىلىم ئىشلەش مىقدارى 20 ئەتراپىدا بولغان، 1985-يىلى 25 كە يەتكەن بولۇپ، بەدىئىي سەۋىيەسى ھىندىستان كىنولىرى ئىچىدە نىسبەتەن يۇقىرى، تېمىلىرى مەزمۇنلۇق بولۇشتەك بىر قاتار ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.

  1970 ~ 1980-يىللىرىدىن بۇيان، بېنگال تىلىدىكى فىلىملەرنىڭ بازىرى تازا ياخشى بولمىغاچقا، بىر قىسىم مەشھۇر رېژىسسورلار ئارقىمۇ-ئارقىدىن ھىندى تىلىدا فىلىم ئىشلەشكە باشلايدۇ. رېژىسسور رايى ئىشلىگەن ‹‹ئائىلە ۋە دۇنيا›› (1984-يىلى ئىشلەنگەن)، ئاپانا ئىشلىگەن ‹‹ئاخىرقى ئۈنۈم››، گۇۋاتام گوش ئىشلىگەن ‹‹توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈش›› (1984-يىلى ئىشلەنگەن)، دارىز گۇپتا ئىشلىگەن ‹‹ئۆلۈك تار كوچا›› قاتارلىق فىلىملەر شۇ مەزگىلدىكى ھىندى تىلىدىكى فىلىملەرنىڭ نەمۇنىلىرى ھېسابلىنىدۇ.

  باشقا رايونلار، جۈملىدىن ماھاراشترا، گۇجارات، ئاسسام، پۇنجاپ، ئورىسسا، مانىپۇر ۋە كەشمىر قاتارلىق ئىشتاتلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ماراتى، گۇجارات، ئاسامىس، پەنجاپ، ئورىيا، مانىپۇر ۋە كەشمىر تىللىرىدا فىلىم ئىشلەشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىغان. مەسىلەن، ماھاراشترا ئىشتاتى پايتەختتە كىنو شەھەرچىسى قۇرۇشنى پىلانلىدى، گۇجارات ئىشتاتلىق ھۆكۈمىتى 1976-يىلىدىن 1982-يىلىغىچە ئىشلەنگەن ‹‹مۇنەۋۋەر فىلىملەر مۇكاپاتى›› تەسىس قىلغان، ئورىسسا ئىشتاتى ئورىسسا تىلىدا ئىشلەنگەن ھەربىر فىلىمگە 100 مىڭ رۇپىيەدىن، باشقا تىللاردا ئىشلەنگەن فىلىملەرگە 50 مىڭ رۇپىيەدىن ياردەم پۇلى بەرگەن. ھەتتا ئەڭ كىچىك ئىشتات ھېسابلانغان مانىپۇر ئىشتاتىمۇ مانىپۇر تىلىدا ئىشلەنگەن رەڭسىز فىلىملەرگە 50 مىڭ رۇپىيەدىن، رەڭلىك فىلىملەرگە 100 مىڭ رۇپىيەدىن ياردەم پۇلى بەرگەن. بۇنداق ئاكتىپ تەدبىرلەر بۇ ئىشتاتلارنىڭ كىنوچىلىق ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا بەلگىلىك، تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. ئەمما، تىل چەكلىمىلىكى تۈپەيلىدىن بۇ رايونلاردا ئىشلەنگەن فىلىملەر ھەمىشە ئۆز رايونىدىلا چەكلىنىپ قالغان.

  1980-يىللاردا ھىندىستاننىڭ يىللىق فىلىم ئىشلەش مىقدارى 900 دىن ئېشىپ، 17 خىل تىلدا فىلىم ئىشلەش ئىشقا ئاشۇرۇلغان. ھازىر ھىندىستاندا 11000 كىنوخانا، 60 كىنو ئىستۇدىيەسى، 38 فىليونكا يۇيۇش زاۋۇتى، 26 يەردە كىنو تەجرىبە ئورنى، تەخمىنەن 400 خىل ئەتراپىدا كىنوچىلىق ژۇرنىلى بار بولۇپ، كەسپىي خادىملار 250 مىڭدىن ئاشىدۇ، كىنو ئىشلەشكە سالىدىغان يىللىق مەبلەغ ئىككى مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ، كىنو تاماشىبىنلىرى كۈنىگە 20 مىليون ئادەم (قېتىم)دىن ئاشىدۇ. 1985-يىلى ھىندىستان ئاسىيا-ئافرىقا بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە 525 فىلىمنى ئېكسپورت قىلىپ، زور مىقدارىدا تاشقى پېرېۋوت ياراتقان. ھىندىستان فىلىم ئېكىسپورت قىلىشتا ئاساسلىقى ھىندى تىلىدىكى فىلىملەرنى، ئاندىن جەنۇبىي ھىندىستاننىڭ تۆت خىل ئاساسلىق تىلدىكى فىلىملەرنى ئاساس قىلغان. ئىلگىرى ھىندىستاندىكى كىنوخانىلاردا سودا خاراكتېرىدىكى فىلىملەر بىلەن چەت ئەللەرنىڭ فىلىملىرى قويۇلاتتى، ‹‹يېڭى كىنوچىلىق ھەرىكىتى››نىڭ تۈرتكىسىدە ئىشلەنگەن فىلىملەر پەقەت ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ئەتىگەنلىك مەيدانلاردا قويۇلغان، يېقىنقى يىللاردىن بېرى، مەيلى قانداقلا ۋاقىتتا كىنو قويۇلۇشىدىن قەتئىينەزەر زالدا بىرمۇ بوش ئورۇن قالمايدىغان ھالەت شەكىللەندى.

  ھىندىستان فىلىم ئىشلەش مىقدارى جەھەتتە ئامېرىكا ۋوللىۋود بىلەن تەڭ تۇرالايدۇ، ھەتتا بەزى يىللىرى ئېشىپ كېتىدۇ. ھازىر ھىندىستاندا يىلىغا 1000 دىن 1500 گىچە فىلىم ئىشلىنىۋاتىدۇ. (تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى بۇنىڭ سىرتىدا)، شۇ سەۋەبتىن ھىندىستاننىڭ ئامېرىكىنىڭ كىنو شەھەرچىسى بولغان ‹‹ۋوللىۋود›› دېگەن نامغا ئاھاڭداش قويۇلغان ‹‹بوللىۋود›› دېگەن نامى بار.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە