باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھىندىستان كىنوچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى (1)

2013.03.04 13:42        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەلۇمكى، ھىندىستان دۇنيادىكى كىنوچىلىق ئىشلىرى ئەڭ تەرەققىي قىلغان تىپىك دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ھىندىستان دېگەن بۇ نام تىلغا ئېلىنسىلا ئەڭ گەپنىڭ تېمىسى ئالدى بىلەن تەبىئىي ھالدا ھىندىستاننىڭ كىنوچىلىق ئىشلىرىغا ئاغدۇرۇلىدۇ. ھىندىستان ئۆزىنىڭ مول مەدەنىيەت مىراسلىرى، ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرى، ئەنئەنە، ئۆرپ-ئادەتلىرى، قائىدە-يوسۇنلىرى، شۇنداقلا ھەر يىلى ئىشلىنىپ تۇرىدىغان نەچچە مىڭ كىنوفىلىملىرى، سالاپەتلىك، نازاكەتلىك، بەئەينى كىنو ئۈچۈنلا تۇغۇلغاندەكلا تالانتلىق كىنو چولپانلىرى، يېقىملىق ۋە مۇڭلۇق ناخشا-مۇزىكا، ئۇسسۇللىرى قاتارلىقلار بىلەن ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەردۇر. ھىندىستاننىڭ كىنوچىلىق ئىشلىرى ئۇزاق بىر تارىخىي جەرياننى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، 1895-يىلى فىرانسىيەدە دۇنيادىكى تۇنجى كىنو بارلىققا كېلىپ، ئىككىنچى يىلىلا ھىندىستاندا كىنو قويۇلغان.

  ھىندىستاننىڭ كىنوچىلىق ئىشلىرىنى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا باشلانغان دېيىشكە بولىدۇ. 1896-يىلى ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىدە تۇنجى قېتىم لومېر ئاكا-ئۇكىلارنىڭ كىنوسى قويۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىنكى 10 يىلدا، چەت ئەللەرنىڭ تۈرلۈك-تۈمەن كىنولىرى ھىندىستاننىڭ بومباي ۋە باشقا شەھەرلىرىدە ئارقىمۇ-ئارقىدىن قويۇلۇشقا باشلايدۇ. چەت ئەللەرنىڭ فىلىملىرىنىڭ ھىندىستاندا بەس-بەستە قويۇلۇشى ھىندىستانلىق فىلىم ئىشلىگۈچى ۋە رېژىسسورلارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغايدۇ. ئۇلار ئەڭ دەسلەپتە ئىككى چېلىشچى ئاساسىي تېما قىلىنغان فىلىم بىلەن شىر كۆندۈرۈش ئاساسىي تېما قىلىنغان فىلىمدىن ئىبارەت ئىككى قىسقا فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىپ تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرىدۇ. بۇ ئىككى قىسقا فىلىم ھىندىستان كىنوچىلىقىدىكى ئەڭ دەسلەپكى نامايەندىلەر بولۇپ قالىدۇ.

  1900-، 1910-يىللىرى ھىندىستاندا ئىشلەنگەن قىسقا فىلىملەر بىلەن ھۆججەتلىك فىلىملەر ئاساسلىقى ھىندى خەلقىنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىك تۇرمۇشىنى، دۆلەتنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسىنى، تارىختا يۈز بەرگەن مۇھىم سىياسىي ۋەقەلىرىنى، يازغۇچىلارنىڭ سەھنە تىياتىرلىرىنى ۋە باشقا نۇرغۇن مەزمۇنلارنى ئۆزىنىڭ ئەكس ئەتتۈرۈش ئوبيېكتى قىلغان. بۇنىڭغا بومبايلىق فىلىم ئىشلىگۈچى تانۋالا ئىشلىگەن ‹‹شانلىق بومباينىڭ يېڭى مەنزىرىسى›› بىلەن ‹‹تاۋۇت نامايىشى››، كالىكۇتتا كىنوچىلىقىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى ھىلار ئىشلىگەن ‹‹ئەلى بابا›› بىلەن ‹‹سالار›› قاتارلىق سەھنە تىياتىرلىرىنى مىسال قىلىشقا بولىدۇ. فىلىم ئىشلەش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، كىنو شىركەتلىرى بارلىققا كېلىشكە باشلايدۇ، كالىكۇتتا دىراما ساھەسىدىكى داڭدار ئەرباب جىمراجى . فۇلامجى قۇرغان ئەرفېنستان كىنو شىركىتى ئەينى يىللىرى ھىندىستاندا ئىشلەنگەن قىسقا فىلمىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپىنى ئۆز مۇنۇپۇلىغا ئېلىۋالغان.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە