باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى (1)

2013.03.03 14:01        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1- يىغىنغا قاتنىشىدىغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۆزىگە يۈكلىگەن ۋەزىپىسىنى يەلكىسىگە ئېلىپ بۈگۈن (2-فڧېۋرال )بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى.

  ۋەكىلى ئادىل ھوشۇرنىڭ بۇ 4-نۆۋەت مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلىنىشى. ئۇنىڭ ئىلگىرى بەرگەن شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلىنى قۇرۇش، بولۇپمۇ «جۇڭگودىكى غەيرى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش» قاتارلىق تەكلىپلىرى زور دەرىجىدە ئېتىبارغا ئېلىنىپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. بۇ قېتىم ئۇ يەنە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا ئائىت بىر نەچچە تەكلىپ ئېلىپ كەلدى. ئادىل ھوشۇر مۇنداق دىدى: ۋەكىل بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن زېممەمدىكى يۈكنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر ھېس قىلدىم. مەن بۇ قېتىم شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىكى گەۋدىلەندۈرۈلگەن چوڭ تىپتىكى ئويۇن قويۇش مەركىزىدىن بىرنى قۇرۇش، ھەممە يېزا-كەنتلەردە مەدەنىيەت ئۆيلىرى قۇرۇپ، ئاممىنى مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىسىدىن ئورتاق بەھىرلەندۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپ تەييارلىدىم.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە