باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننى زىيارەت قىلىشقا تىزىملاتقان جۇڭگولۇق، چەتئەللىك مۇخبىرلار 3000 دىن ئاشتى

2013.03.03 09:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1-مارت سائەت 12 گىچە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننى زىيارەت قىلىشقا تىزىملاتقان جۇڭگولۇق،چەتئەللىك مۇخبىرلار 3000 دىن ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 1000 چەتئەللىك مۇخبىر،400 دىن كۆپرەك شياڭگاڭ، ئاۋمېن،تەيۋەنلىك مۇخبىر بار.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل ئىككى يىغىننى خەۋەر قىلىشقا قاتنىشىدىغان غەربتىكى ئاساسلىق تاراتقۇلارنىڭ مۇخبىرلىرى بىر قەدەر كۆپ ئىكەن.چەتئەللىك تاراتقۇلار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەر ئىچىدە جۇڭگونىڭ ماكرو ئىقتىسادىي سىياسىتى ۋە ماكرو ئىقتىسادنىڭ يۈزلىنىشى بىر قەدەر مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدىكەن. بۇ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يېقىنقى بىر قانچە يىلدىكى تىز سۈرئەتلىك تەرەققىياتىدىن ئايرىلمايدۇ. شۇڭا جۇڭگو يېڭى ئىقتىسادنى قوزغىتىش سىياسىتىنى يولغا قويامدۇ؟ جۇڭگو ياۋروپا قەرز كىرزىسىگە قارىتا قانداق ياردەم بېرىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ؟ بۇلارمۇ مۇخبىرلار ئەڭ كۆڭۈل بولىۋاتقان مەسىلىلەر ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە