باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2012-يىللىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 10 چوڭ ئاخباراتى»نى باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى

2013.03.03 09:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو خەلق قۇرۇلتىيى تورى، خەلق تورى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن 2012-يىللىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 10 چوڭ ئاخباراتى»نى باھالاش نەتىجىسى تۈنۈگۈن ئېلان قىلىندى.

  تاللانغان 10 چوڭ خەۋەر تۆۋەندىكىچە: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا خەلقنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىنى قوللاش ۋە كاپالەتلىك قىلىش تەكىتلەندى؛ ھازىر يولغا قۇيۇلۇۋاتقان ئاساسى قانۇن ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى داغدۇغىلىق خاتىرىلەندى، باش سېكرېتار شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى؛ جىنايى ئىشلار داۋا قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش- كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىشتەك ئاساسى قانۇن روھىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى؛ ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق تور ئۇچۇرىنى قوغداشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى، پۇقرالارنىڭ شەخسى ۋە قانۇنىي شەخسلەرنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى قوغدالدى؛ ئېتىز-ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدا مەخسۇس مەسلىھەت بېرىلدى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتى ۋە دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىندى؛ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى توغرىسىدا مەخسۇس مەسلىھەت بېرىلدى، ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىندى؛ ياشانغانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى، ياشانغانلارغا ھۆرمەت قىلىشتەك ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاق نۇرلاندۈرۈلدى؛ ئەمگەك توختىمى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، ئەۋەتكەن ئەمگەكچىلەرنى قالايمىقان ئىشلىتىش ۋە قېلىپلاشتۇرماسلىق مەسىلىسى ھەل قىلىندى؛ ھەق تەلەپ داۋا ئىشلىرى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، ئالاقىدار كىشىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە يەنىمۇ كاپالەتلىك قىلىندى؛ دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات خىزمەت دوكلاتى قاراپ چىقىلدى، دۆلەت ئىلىكىدىكى كارخانىلار ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىندى.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}