باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزىلاردىكى تۆتتىن بىر قىسىم ئۆيدە يىلبويى ئادەم تۇرمايدىكەن

2013.03.03 09:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىز يېزىلىرىدىكى ئۆيلەرنىڭ كۆلىمى يىلىغا %1 لىك سۈرئەت بىلەن ئاشماقتا، ئەمما يېزىلاردىكى تۆتتىن بىر قىسىم ئۆيدە يىلبويى ئادەم تۇرمايدىكەن. 3-سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قارىغاندا، ئېلىمىز يېزىلىرىدىكى دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇس يىلىغا %1.6 لىك سۈرئەت بىلەن ئازايغان، ئەمما ئۆيلەرنىڭ كۆلىمى يىلىغا %1 لىك سۈرئەت بىلەن ئاشقان، يېزىلاردىكى ئۆي سېلىشقا كېتىدىغان يەر ئىككى مىليون مو ئەتراپىدا بولۇپ، دېھقانلارنىڭ ئۆي سېلىشقا ئىشلەتكەن پۇلى ھەر يىلى نەچچە يۈز مىليارد يۈەنگە يەتكەن، بىر قىسىم دېھقانلار 4-نۆۋەتلىك ئۆي سېلىش يۇقىرى دولقۇنىنى قوزغىغان.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، 3-سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لەي مىڭ 2-مارت شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: بىر تەرەپتىن، شەھەر-بازارلاردىكى ئۆي باھاسى شەھەرلەرگە كىرگەن دېھقانلارنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىدىن بەكلا ئېشىپ كەتتى. تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، شەھەرلەرگە كىرگەن دېھقانلارنىڭ ئۆي ئىجارىگە ئالالايدىغان، بىنا ئۆي سېتىۋالالايدىغانلىرى %12 تىن %15 كىچە بولغان، شەھەرلەرگە كىرىپ ئىشلىگەن نۇرغۇن دېھقان ئىشلەمچىلەر تازىلىق شارائىتى ناچار يەر ئاستى ئۆي، ئاددىي ئۆيلەردە تۇرىدىكەن. گەرچە ئۆي كاپالەت تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن جايلار سىرتتىن كەلگەنلەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ، ئۆي كاپالىتىنى يولغا قويىمىز دېگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇ ئىش ئەمەلىيلەشمىگەن. يەنە بىر تەرەپتىن، شەھەرلەرگە كىرگەن دېھقانلارنىڭ كۆتۈرىگە ئالغان يەرلىرى، ئۆيلۈك يېرى، ئۆيلىرىدە بازارلاشتۇرۇشتىن چېكىنىش مېخانىزمى يېتەرسىز بولۇپ، ئايلاندۇرۇپ مەنپەئەت ئېلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ شەھەر-بازارلاردا خاتىرجەم ئولتۇراقلىشىشىنى قوللىغىلى بولمايدىكەن. لەي مىڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: شەھەر-بازارلاردىكى كاپالەتلىك ئۆي، بولۇپمۇ ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆي ۋە ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان شەھەرلەرگە كىرگەن دېھقانلارنى شەھەر-بازار ئۆي كاپالەت سىستېمىسىغا ھەقىقىي كىرگۈزۈش شۇنداقلا يېزا يەرلىرىنى بازارلاشتۇرۇشتىن چېكىندۈرۈش مېخانىزمىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈش ھەم شەھەر-يېزا ئۆي تۈزۈمىنى تەدرىجىي بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە