باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بېيجىڭدىكى ۋەكىللىرى ئۆگىنىشكە تەشكىللەندى

2013.03.03 09:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  28-فېۋرالدىن 1- مارتقىچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىشخانىسى 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بېيجىڭدىكى ۋەكىللىرىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى ئاڭلىدى.

  28-فېۋرال چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئۆگىنىش،دوكلات يىغىنىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى،شياڭگاڭ ئاۋمېن نېگىزلىك قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چياۋ شياۋياڭ ئاساسىي قانۇننىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش،قوشنىلارنى خاتىرجەم قىلىشتىكى باش نىزامنامە ئىكەنلىكى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات قىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى شىشى ۋەكىللەر قانۇنىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋەزىپىسىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش ھەققىدە مەخسۇس دوكلات قىلدى.

  1- مارت ئۆتكۈزۈلگەن ئەھۋالنى ئۇقتۇرۇش يىغىنىدا،دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ جىشىن،مالىيە مىنىستىرى شيە شۇرېن 2012-يىلى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى، 2012-يىلى مەركەز مالىيە خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى ئايرىم ئايرىم ئۇقتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مائارىپ مىنىستىرلىقى، سانائەت ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىكى مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى، سەھىيە مىنىستىرلىقى ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋەكىللەرنى يازما دوكلات ماتىرىياللىرى بىلەن تەمىنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}