باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ‹‹ئىككى يىغىن››غا ئاكتىپ تەييارلىق قىلدى (3)

2013.03.01 14:05        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

يېڭىدىن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان بو لىيا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا
  12-نۆۋەتلىك شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى جەمئىي 32 كىشى بولۇپ ، بۇلار ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق ، خۇيزۇ ، قىرغىز ، تاجىك ، تاتار ، ئۆزبېك ، رۇس ، شىبە قاتارلىق 11 مىللەتتىن تەركىب تاپقان .

  بۇ 32 نەپەر ئەزا جۇڭگو كومپارتىيەسىدىن بىر نەپەر ، دېموكراتىك ئىنقىلاب پارتىيەسىدىن بىر نەپەر ، دېموكراتىك ئىتتىپاقتىن بىر نەپەر ، دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىدىن بىر نەپەر ، دېھقان-ئىشچىلار پارتىيەسىدىن بىر نەپەر، 3-سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتىدىن بىر نەپەر ، باش ئىشچىلار ئويۇشمىسىدىن بىر نەپەر ، سودا-سانائەت بىرلەشمىسىدىن بىر نەپەر، پەن-تېخنىكا ساھەسىدىن بىر نەپەر ، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىن بىر نەپەر ، دېھقانچىلىق ساھەسىدىن داۋالاش ، سەھىيە ساھەسىدىن بىر نەپەر ، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ساھەسىدىن بىر نەپەر ، ئاز سانلىق مىللەتلەردىن 12 نەپەر، دىني ساھەدىن ئۈچ نەپەر ، ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئەرباب بىر نەپەر قاتارلىق 16 ساھەدىن تەركىب تاپقان . بۇنىڭ ئىچىدە ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلار 14 نەپەر ، يېڭىدىن تەيىنلەنگەنلەر 18 نەپەر ، ئايال ئەزالار بەش . ئاز سانلىق مىللەت ئەزالىرى 18 نەپەر بولۇپ ، 56.25 پىرسەنتنى ئىگىلەيدۇ .
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە