- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ‹‹ئىككى يىغىن››غا ئاكتىپ تەييارلىق قىلدى (2)
2013.03.01 14:05
|
يېڭىدىن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان بو لىيا |
يېڭىدىن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان بو لىيانىڭ بىرىنچى قېتىم مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولۇشى بولۇپ ، ئۇ زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ تولىمۇ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدى . ئۇ مۇنداق دېدى: مەن بۇ يەرگە كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىش ئارزۇسىدا كەلدىم ، ئۆزۈمنىڭ تەكلىپلىرىنىڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن . مەن يەنە ئۆگىنىش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش سەۋىيەمنى ئۆستۈرىمەن . شىنجاڭ رەسساملىق ئاكادېمىيەسىنىڭ مەخسۇس رەسسامى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن شىنجاڭنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا تولىمۇ كۆڭۈل بۆلىمەن ، بولۇپمۇ ، بۇلتۇر ئىش باشلانغان شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت سارىيىنىڭ ئىشىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىمەن . ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغاپ ، مەبلەغ سېلىنمىسىنى زورايتىپ ، شىنجاڭلىق بالىلار ۋە ئاۋامنى مەدەنىيەتتىن تېخىمۇ كۆپ بەھىرلەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى دەيمىك دىۋانا بۇ يىل يەتتە تۈرلۈك تەكلىپ تەييارلىغان بولۇپ ، ھەممىسى يۇرتى تاشقورغان ناھىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇنسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئىدى . ئۇ نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلگەن تەكلىپ ـــ ‹‹قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاغلىق رايونلىرىدىكى كەنتلەرنىڭ ئىچىملىك سۈيىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپ ››تىن ئىبارەت . قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاغلىق رايونلىرىدىكى كەنتلەرنىڭ ئىچىملىك سۇ ئۇل ئەسلىھەلىرى تولىمۇ قالاق ، تۇرۇبا تورىنىڭ قاپلىنىش نىسبىتى تولىمۇ تۆۋەن ، يەر كۆپ ، ئادەم ئاز ، قۇرۇلۇشنىڭ ئەمەلىيلىشىشى نىسبەتەن مۈشكۈل بولۇپ ، ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى تۈرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئامالسىز قالغان، شۇنداقلا بۇ مەسىلە تا بۈگۈنگىچە ھەل بولماي كەلگەنىدى . شۇ سەۋەبتىن ئۇ دۆلەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاغلىق رايونلىرىدىكى كەنتلەرنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىك قۇرۇلۇش تۈرىگە مەبلەغ سېلىش ئۆلچىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىنى تەۋسىيە قىلغان .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە