باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەدەنىيەت

تاش تالىپ ۋە شايار قەلەمتىرىشى (1)

مۇھەممەد تۇراپ

2013.02.18 14:50         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەجدادلىرىمىز ناھايىتى ئۇزاق يىللار ئىلگىرى كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئەمەلىيىتى داۋامىدا قەلەمتىراشنى ئىجاد قىلغان بولۇپ، قەلەمتىراشنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن. شىنجاڭدا يېڭىسار قەلەمتىرىشى ۋە يەكەن قەلەمتىرىشىنى بىلمەيدىغانلار يوق. ئەمما شايار قەلەمتىرىشىمۇ ناھايىتى داڭلىق قەلەمتىراشلارنىڭ بىرى. شايار ناھىيەسى ئۆگەن دەرياسى بىلەن تارىم دەرياسىنىڭ تۇتاشقان جايىغا جايلاشقان بولۇپ، قەدىمىي زاماندا كۈسەن بەگلىكىگە قاراشلىق ئەزىز دىيار بولۇپ، شايار قەلەمتىرىشى ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. شايار قەلەمتىرىشى ئەڭ بۇرۇن شايار ناھىيە يانتاقشەھەر يېزىسىدا بارلىققا كەلگەن.

  شايار قەلەمتىراشلىرىنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، ئۇنىڭ يىل دەۋرىنى خەن سۇلالىسى دەۋرىگە سۈرۈشكە بولىدۇ. بۇ جەھەتتە يازما خاتىرىلەر ۋە قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار. كۈسەننىڭ مېتال تالاش تېخنىكىسى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئاللىقاچان گۈللەنگەن بولۇپ، پۇل قۇيۇش، ھەربىي قورال-ياراغ ياساشتىن باشقا، خەلق ئارىسىدا ئىشلىتىلگەن تۆمۈر قوراللار ئەينى زاماندىكى قۇيۇش تېخنىكىسىنىڭ نەقەدەر يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. تىغلىق ئەسۋابلار ئەينى زاماندا چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىدىكى زۆرۈر بۇيۇم بولغاچقا، تىغلىق ئەسۋابلارنى ياساش مەيدانغا كەلگەن. ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا تارقىتىش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق بۇ تىغلىق ئەسۋابلار تەدرىجىي ھالدا ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولغان قەلەمتىراش، ئۆتكۈر، تەڭداشسىز قەلەمتىراش ۋە كۆركەم، ئۆزگىچە قەلەمتىراشقا قاراپ تەرەققىي قىلغان.

  سۇڭ سۇلالىسى داجوڭنىڭ شاڭفۇ 3-يىلى (مىلادىيە 1010-يىلى) كۈسەن خانى ئوردا ئەلچىسى لى يەنفۇنى سۇڭ سۇلالىسى ئوردىسىغا ئولپان بېرىشكە ئەۋەتكەن بولۇپ، ئولپان ئىچىدىكى ئالاھىدە ياسالغان شايار قەلەمتىرىشى سۇڭ سۇلالىسىنىڭ خانى جېنزوڭ خان ئەڭ ياقتۇرىدىغان قەلەمتىراش بولۇپ، بۇ قەلەمتۇراچ ئەڭ بۇرۇن كۈسەن قەلەمتىرىشى دەپ ئاتالغان.
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

ئالاقىدار خەۋەرلەر