مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك

2020.02.05 17:06 مەنبە: خەلق تورى

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىر تۈرلۈك سىستېمىلىق قۇرۇلۇش بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ماسلاشتۇرۇپ بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلغاندىلا، ئاندىن بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئومۇمىي ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ.

  «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك»، 2-ئاينىڭ 3-كۈنى ئېچىلغان مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى جەزمەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش قوماندانلىقى، بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇشى، بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قەتئىي بويسۇنۇشى كېرەك» دەپ كۆرسىتىپ، «ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار جەزمەن چوڭ ۋەزىيەت ئېڭى ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىشى كېرەك» دەپ تەكىتلەپ، «تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى قوللاش بىلەن تەمىنلەش كېرەك» دەپ تەلەپ قىلىپ، كېيىنكى قەدەمدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بۇ مەيدان كەسكىن ئۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ تىرىشىش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، مۇھىم مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

  بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئەھۋالى يۈزبەرگەندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئۆزى قوماندانلىق قىلدى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى ئىككى قېتىم يىغىن ئېچىپ، مەخسۇس تېمىدا تەتقىق قىلدى، مەركەز يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى كۆپ قېتىم يىغىن ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، مەركەز قوماندانلىق گۇرۇپپىسى خىزمەتلەرنى پائال قانات يايدۇردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكى، بىرتۇتاش قوماندانلىقى بىلەن ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ماسلاشتۇرۇپ بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىپ، جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن تىرىشىپ كۈرەش قىلدى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى جايلار داۋالاش خادىملىرىنى ئەۋەتىپ، دەرھال يىغىلىپ ۋۇخەنگە ياردەم بەردى؛ قۇرغۇچىلار كېچە-كۈندۈز جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، تېز سۈرئەتتە خوشېنشەن دوختۇرخانىسىنى پۈتتۈردى؛ ئارمىيە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك يەتكۈزۈپ بېرىپ، داۋالاش كۈچلىرىنى ئاجرىتىپ تەشكىللەپ، تېببىي داۋالاش، قۇتقۇزۇشقا قاتناشتى؛ كارخانىلار ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپچىقىرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇردى.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى تەن دېسەي باھا بەرگەنگە ئوخشاش «جۇڭگو تەرەپنىڭ ھەرىكەت سۈرئىتىنىڭ تېزلىكى، كۆلىمىنىڭ زورلۇقى دۇنيادا ئاز ئۇچرايدۇ». بۇ شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىش قىلىش دۆلىتىمىز تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ بىر روشەن ئەۋزەللىكى، شۇنداقلا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىمىزنىڭ مۇھىم ئەڭگۈشتىرى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ