باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

شىنخۇا تورى ئوبزورى: دەۋرىمىزدە ھەقىقىي مۇخبىرلار مەڭگۈ كەم بولسا بولمايدۇ

2017-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى 18-قېتىملىق جۇڭگو مۇخبىرلار بايرىمى

2017.11.09 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «مۆرىسىدە ھەققانىيەت ۋە ئەخلاقنى يۈدۈپ، قەلىمىدە نادىر خەۋەرلەرنى يېزىش» __ مانا بۇ مۇخبىرنىڭ مەسئۇلىيىتى. بىزنىڭ بۇ دەۋرىمىزدە ھەقىقىي مۇخبىرلار مەڭگۈ كەم بولسا بولمايدۇ، كەسپىي پوزىتسىيە، مۇستەھكەم ئىرادە، پىداكارلىق روھ مەڭگۈ يوقالسا بولمايدۇ.

  بۇ يېڭى تاراتقۇلار دەۋرىدە، ھەممە ئادەم قارىماققا مۇخبىر بولۇپ كەتكەندەك كۆرۈنىدۇ، بۇ يامان ئىش ئەمەس. ئىجتىمائىي ئالاقە تورىنىڭ ئومۇملىشىشى بىزگە ئاۋالقىلار ئويلىيالمىغۇدەك دەرىجىدىكى سان-ساناقسىز ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ بەرگەندىن سىرت، يەنە ھەرخىل پىتنە-ئىغۋالار، ئېنىقسىز ئۇچۇرلارمۇ ھەر تەرەپكە يامرىدى. قانچىلىغان ئادەم شۇ سەۋەبلىك ئالدىنىپ، قانچىلىغان خەۋەرلەر شۇنىڭغا ئېنىقلىما بېرىش ئۈچۈن يېزىلىپ، قانچىلىغان بايلىق ۋە ھېسىيات بىكاردىن ئىسراپ قىلىندى.

  ئۇچۇر پارتلىغان دەۋردە، ھەقىقىي ئەھۋال تېخىمۇ كەمچىل كۆرۈنىدۇ. لاي-لاتقا بولغاندا، بىز سۈزۈك سۇنى كۆرۈشكە تېخىمۇ تەشنا بولىمىز. مەيلى ماڭغان يول قانچىلىك يىراق بولسۇن، ئېكران قانچىلىك يىراقنى تارتسۇن، يەنىلا بىزنىڭ ئىككى كۆزىمىز ۋە ئىككى پۇتىمىز يېتىپ بارالمايدىغان يەرلەر بار. مەسىلەن: ئۇرۇش ئوتى قاپلىغان جايلار، ئېغىر ئاپەت بولغان جايلار، شۇ چاغدا بىز ھەقىقىي مۇخبىرلارغا مۇھتاج بولىمىز. ئۇلار بىزگە پۇت بولۇپ، شۇ يەرلەرگە بارىدۇ. ئۇلار بىزنىڭ كۆزىمىز بولۇپ، راست-يالغان، ئاق-قارىنى ئايرىيدۇ، ئۇلار بىزنىڭ چۇقانىمىز بولۇپ، بىز بىلەن خۇشاللىق ھەم غەم-قايغۇدا بىللە بولىدۇ.

  بۈگۈنكى بۇ دەم ئېلىشى يوق بايرامنى مۇشۇ ھەقىقىي مۇخبىرلارغا بېغىشلايمىز. ئۇلار بىرىنچى سەپتە ئىشلەپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى قوغداش ئۈچۈن، ھايات-ماماتىغىمۇ پىسەنت قىلمايدۇ؛ ئۇلار خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىقلاش ئۈچۈن پۈتۈن زېھنىنى ئىشلىتىدۇ. ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ، ئاتالمىش «ھەممە ئادەم مۇخبىر» دەۋرى، سىز ئۆزىڭىزنى مۇخبىر دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن. بىراق مۇخبىر بولالىشىڭىز ناتايىن، ھەقىقىي مۇخبىر بىر خىل روھ، بىر خىل ئىرادە، بىر خىل پىداكارلىق!

  بۈگۈن، ھەقىقىي مەنىدىكى مۇخبىرلارغا تەۋە بىر كۈن. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى مەڭگۈ مۇشۇ بىر توپ كىشىلەرگە مۇھتاج بولىدۇ. مەيلى تېخنىكا قانچىلىك تەرەققىي قىلسۇن، مەيلى تارقىتىش قانچىلىك ئۆزگەرسۇن، كەسپىي مۇخبىرلارنىڭ ئورنى مەڭگۈ تەۋرىمەيدۇ.

  ھەقىقىي مۇخبىرلار مۇخبىر دېگەن بۇ نامغا يۈز كېلەلەيدۇ، بۇ ئۇلۇغ دەۋرگە يۈز كېلەلەيدۇ !

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر