باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

ئۇزۇن دەم ئېلىش كۈنىنى ساقلاپ قېلىش كېرەكمۇ؟ قىسقا دەم ئېلىش كۈنىنى تەڭشەپ ئۇرۇنلاشتۇرۇشقا بولامدۇ؟

2013.10.11 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دەم ئېلىش كۈنى ئىشخانىسى دەم ئېلىش كۈنلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى توغرىسىدا پىكىر توپلىدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەملىكەتلىك دەم ئېلىش كۈنى ساياھەتچىلىكى مىنىستىرلىكى ئارا ماسلاشتۇرۇش-كېڭىشىش ئىشخانىسى 10-چېسلا شىنلاڭ تورى، سوۋخۇ تورى ، تېڭشۈن تورى ، فېڭخۇاڭ تورى ، خەلق تورى ۋە شىنخۇا تورى قاتارلىق تور بېكەتلەردە «قانۇندا بەلگىلەنگەن ھېيىت-بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا خەلق رايىنى سىناپ تەكشۈرۈش»نى ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتتىن كەڭ پىكىر توپلىدى.

  توردا تەكشۈرۈلىدىغان ئاساسلىق مەزمۇن مۇنۇلار: «سىز ھازىرقى دەم ئېلىش كۈنلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا رازىمۇ»، «ئۇزۇن دەم ئېلىش كۈنىنى ساقلاپ قېلىش كېرەكمۇ»، «قىسقا دەم ئېلىش كۈنىنى تەڭشەپ ئۇرۇنلاشتۇرۇشقا بولامدۇ» شۇنىڭدەك خەلق رايىنى سىناپ تەكشۈرۈشكە قاتناشقۇچىلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ھېيىت-بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا بولغان تەكلىپلەردۇر.

  مەملىكەتلىك دەم ئېلىش كۈنى ئىشخانىسى كەڭ خەلق-ئاممىسىنىڭ ئۆز پىكىرلىرىنى ئاكتىپ ئوتتۇرىغا قويۇشنى قارشى ئالىدۇ، ھەمدە بۇ ئارقىلىق جامائەت ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، دەم ئېلىش كۈنلىرىنىڭ تېخىمۇ ئىلمىي ۋە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى قولغا كەلتۈرۈىدۇ. (مۇخبىر چيەن چۇنشيەن خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر