باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

تېخىمۇ ئۇلۇغۋار مۇساپىگە ئاتلىنايلى

‐‐ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى داغدۇغىلىق باشلاندى

2012.11.09 14:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  11-ئاينىڭ 8-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 18-قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى خەلق چوڭ سارىيىدا باشلاندى. (خەلق گېزىتى مۇخبىرى لېي شېڭ فوتوسى)

  11-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئالتۇن كۈزدىكى بېيجىڭدا پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى مەركەزلەشكەن كاتتا بىر يىغىن باشلاندى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئېچىۋېتىش ۋە ئىشەنچ ئىلكىدە، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان دەۋر سەھىپىسىنى ئاچتى.

  مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر مەخسۇس ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ قۇياش ئالتۇن نۇرىنى تۆكۈپ تۇرغان تيەنئەنمېن مەيدانىغا كىرىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ چىرايىدا خەلقنىڭ بەخت-سائادىتى ۋە ئەمىنلىكىدىن تۇغۇلغان تەبەسسۇم جىلۋىلىنەتتى، ئۇلارنىڭ سالماق قەدەملىرىدىن مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە ئۇچقاندەك يۈكسەلدۈرۈشتىن ئىبارەت ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولاتتى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسىدىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 18-قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى رەسمىي باشلاندى. يولداش خۇ جىنتاۋ تۈمەن كىشىلىك زالنىڭ رەئىس سەھنىسىگە قويۇلغان دوكلات شىرەسى ئالدىغا كەلگىنىدە، پۈتۈن زالدىكىلەرنىڭ دىققەت نەزىرى، ھەتتاكى بىر مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ قىزغىن ۋە قىزغىن نەزىرى ئۇنىڭغا مەركەزلەشتى پۈتۈن دۇنيانىڭ سەمىمىي نەزىرى مۇشۇ يەرگە تاشلاندى.

  «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، "ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش" مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەستىن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى» دېگەن ياڭراق ۋە كۈچلۈك سادا خەلق چوڭ سارىيىدا ياڭراپ، بىر ئۇلۇغ دەۋرنىڭ تارىخىي تەبىرىگە ئايلاندى. (خەلق گېزىتى مۇخبىرى دۇ رۇڭ، جاڭ ئېنا خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە