باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى %40 يېڭى ئوقۇغۇچى ئۆزلىرىنىڭ كۆچۈرمىكەشلىك قىلىپ باققانلىقى ئېيتتى

2013.09.10 14:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خارۋاردقا كىرىشنى كەلگۈسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ كاپالىتى دېسىمۇ بولىدۇ

  %10 يېڭى ئوقۇغۇچى ئۆزلىرىنىڭ ئىمتىھاندا كۆچۈرمىكەشلىك قىلىپ باققانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان


  «كۆچۈرمىكەشلەر مەڭگۈ يېڭەلمەيدۇ» دەيدىغان ماقال بار. بىراق ئۇلار بارلىق قابىليەتلىكلەر توپلانغان خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرەلىدى. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلار گېزىتى «خارۋارد قىزىل گېزىتى»نىڭ تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ مەكتەپكە كىرگەن يېڭى مەۋسۇمدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ %42تى ئائىلە تاپشۇرۇقى ۋە كىتاب ئوقۇش دوكلاتى يازغاندا كۆچۈرمىكەشلىك قىلىپ باققان ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا %10 ئوقۇغۇچى ئىمتىھاندا كۆچۈرمىكەشلىك قىلىپ باققانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

  ئامېرىكىدىكى بۇ ئەڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتىت 2012-يىلىدىكى كۆچۈرمىكەشلىك سەتچىلىكى بىلەن ئابرويىنى چۈشۈرگەن ئىدى، بۇ ئىشقا چېتىشلىق نەچچە ئونلىغان ئوقۇغۇچى «پارلامېنت ئىشىكىدىن كىرىش» دەرسلىكىدە ئىمتىھان جاۋابىنى ئالماشتۇرغان ۋە كۆچۈرگەنلىكتىن مەكتەپتىن ھەيدەلگەن، ئىمتىھاندا كۆچۈرگەن قىسمەن ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان ۋاقتىدا «ھەمكارلاشقان»لىقىنى، ھەمدە بۇ مەكتەپ ئۈستىدىن ئەرز قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. تەكشۈرۈش ئەگەر ھەقىقىي رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرەلىسە، ئىلگىرىكى كۆچۈرمىكەشلىك سەتچىلىكىنىڭ خارۋاردتا قايتا تەكرارلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  بۇ تۈردە 1300 نەپەر ئوقۇغۇچىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان %42 ئوقۇغۇچى ئۆزلىرىنىڭ ئائىلە تاپشۇرۇقى ئىشلىگەندە كۆچۈرمىكەشلىك قىلغانلىقىنى، %17 ئوقۇغۇچى ئائىلە تاپشۇرۇقىدا چېغىر يولدا مېڭىپ باققانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق يەنە مەكتەپتىكى تەنھەرىكەتچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆچۈرمىكەشلىكىنىڭ ساماندەك ئىكەنلىكى، كۆچۈرمىكەش ئوغۇللارنىڭ قىزلاردىن كۆپلىكى بايقالغان. ھەر ئون ئوقۇغۇچى ئىچىدە بىر ئوقۇغۇچى كۆچۈرمىكەشلىك قىلىپ باققان ئىكەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر