باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يات يۇرتتا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى

2013.03.25 17:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ يېقىندا «شىنجاڭغا كېلىپ ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقانلار بىلەن بىللە كەلگەن پەرزەنتلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشى ھەققىدىكى يولغا قويۇش سىناق لايىھىسى»نى ئوتتۇرغا چىقارغان ھەمدە جەمئىيەتكە رەسمىي ئېلان قىلغان. «لايىھە» 2014-يىلىدىن باشلاپ سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدىكەن.

  «لايىھە»دە دەپ مۇنۇلار بەلگىلەندى: 2014-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭغا كېلىپ ئىشلىگەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ بىللە كەلگەن پەرزەنتلىرىنىڭ شىنجاڭدا دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسى بولسا ھەمدە نوپۇسىنى شىنجاڭغا يۆتكىگەن ۋاقتى ئىككى يىلغا توشقان، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىل ئوقۇغان ھەمدە ئۈچ يىللىق مۇكەممەل ئوقۇش رۇىيخېتى بولسا ئاندىن ئۇلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشقا تىزىملىتىشىغا يول قويۇلىدۇ، ئۇلار ئاپتونوم رايون ئىچى ۋە سىرتىدىكى تولۇق ۋە مەخسۇس كۇرۇس مەكتەپلىگە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. شىنجاڭدا نوپۇسى بولمىغان شىنجاڭغا كېلىپ ئىشلەۋاتقانلارنىڭ بىللە كەلگەن پەرزەنتلىرى باشلانغۇچ، تولۇقسىز، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا شىنجاڭدا ئۇدا 12 يىل ئوقۇغان ھەمدە 12 يىللىق مۇكەممەل ئوقۇش رۇيىخېتى بولسا، ئاتا ئانىسى شىنجاڭدا قانۇنلۇق مۇقىم خىزمىتى ۋە تۇرالغۇ كېنىشكىسى ئالغىنىغا 12 يىل بولغان ۋە شىنجاڭدا ئىجتىمائىي كاپالەت سۇغۇرتىسى تاپشۇرۇش خاتىرىسى ياكى باج تاپشۇرۇش ئىسپاتى بولسا ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىغا تىزىملىتىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ، ئۇلار ئاپتونوم رايون ئىچى ۋە سىرتىدىكى تولۇق ۋە مەخسۇس كۇرۇس مەكتەپلىرىگە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە