باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>گۈزەل-سەنئەت

ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتىنى قوغداش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

2013.01.21 14:49         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گۈلمىرە مۇھەممەد، ئايتىللا ئاتاۋۇللا خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى ئاچقان شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتىنى قوغداش خىزمىتى يىغىنى 16–يانۋار چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  ئۇيغۇر 12 مۇقامى 2005–يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پەن–مەدەنىيەت–مائارىپ تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئىنسانىيەتنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەندىن بۇيان، دۆلىتىمىز ۋە ئاپتونوم رايونىمىز ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتىنى قوغداش خىزمىتىنى نۇقتىلىق كۈچەيتتى.

  ئىگىلىنىشىچە، 2005–يىلىدىن بۇيان، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتىنى قوغداش خىزمىتى ئۈچۈن ئاجراتقان مەبلىغى 27 مىليون 940 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، ئاپتونوم رايونىمىز ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ، قەشقەر، ئىلى، قۇمۇل، پىچان، قاراقاش قاتارلىق جايلاردا ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىش مەركەزلىرىنى تەسىس قىلغان، ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە مۇقام ۋارىسلىرىنى يېتىشتۈرىدىغان سىنىپ يۈزدىن ئاشىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە