باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋۇداڭشەن تېغىدىكى يۈجېن سارىيى ئەسلىدىكى ئورنىدىن 15 مېتىر «كۆتۈرۇلدى»

2013.01.18 17:26   مەنبە: خەلق تورى

ۋۇداڭشەن تېغىدىكى يۈجېن سارىيى ئەسلىدىكى ئورنىدىن 15 مېتىر «كۆتۈرۇلدى»

  خەلق تورىنىڭ 18-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. 16-يانۋار چۈشتىن كېيىن، يۈجېنشەن سارىيىنىڭ 15 مېتىر ئېگىزلىككە كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يۆتكەش قۇرۇلۇشىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان مەدەنىي يادىكارلىقنى قوغداش قۇرۇلۇشى ـــــ ۋۇداڭشەن تېغىدىكى يۈجېن سارىيىنى كۆتۈرۈش قۇرۇلۇشى غەلبىلىك تاماملاندى، يۇقىرىغا كۆتۈرۈلگەن ئېگىزلىكى دۇنيا رېكورتىنىڭ بەش ھەسسىسىگە باراۋەر.

  يۈجېن سارىيىنى 1412-يىلى مىڭ سۇلالىسىنىڭ يوڭلې خانى جۇدى دەررۋىش جاڭ سەنفېڭنى خاتىرىلەش ئۈچۈن سالدۇرغان. جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يۆتكەش ئوتتۇرا لىنىيەلىك قۇرۇلۇشىنىڭ سۇ مەنبىيى ھېساپلانغان دەنجياڭ دەريا سۇ ئامبىرى توسمىسى ئېگىزلىتىلگەندىن كېيىن، دۇنيا مەدەنىي مىراسلىرىدىن بولغان يۈجېن سارىيى چۆكۈپ كېتىش خەۋىپىگە دۇچ كەلگەن ئىدى. شۇڭا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار يۈجېن سارىيى دەرۋازىسى ۋە ئۇنىڭ ئىككى قانىتىدىكى ئەينەك تام گەۋدىسى ۋە شەرق-غەرب ساراي ئىىشىكلىرىنى ئۆز ئورنىدا يۇقىرىغا كۆتۈرۈپ، بۇ قەدىمىي قۇرۇلۇشنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ساقلاپ قالماقچى بولدى. يۈ جېن سارىيىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قۇرۇلۇشى 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلانغان، قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن، يۈجېن ئوردىسى ئۈچ تەرىپىنى سۇ ئوراپ تۇرغان سارايغا ئايلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

     تەۋسىيە

    ·بۇ يىل كۈزدىن باشلاپ ھەربىيلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە مائارىپتا ئېتبار بېرىش ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەكتەپلەرنى تىزگىنلەش پىروگراممىسىنى يولغا قويدى 
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەكتەپنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، مەكتەپلەر مەمۇرىيەتلىشىش خ…
    ·ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا قاتناشقالارنىڭ قانچىسى ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؟(1)
    ·ش ئۇ ئا ر مائارىپ نازارىتى يەسلىدە باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىك مەزمۇنلىرىنى ئوقۇتۈشنى چەكلىدى 
    ·چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا قانچىلىك راسخوت كېتىدۇ؟
    ·ش ئۇ ئا ر  20 ئىقتىساسلىق خادىمنى رۇسىيەگە تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتىدۇ 
    ·ئۆزبېكستاندا تۇتقۇن قىلىنغان قىرغىزىستانلىق تۇتقۇنلار قويۇۋېتىلدى 
    ·دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ يۈز-تۇرانە ئىمتىھان تىزىملىكى ئېلان قىلىندى، بىر ئورۇنغا تىزىملاتقان 95…
    ·2013-يىللىق سەنئەت ئېمتىھانىغا دائىر يېڭى سىياسەتلەر: مەركىزىي تىياتىر ئىنسىتىتۇتىدىن ماتېماتىكا ئى…