باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەخسۇس سەھىپە>>2015-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن>>人大新闻

12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 – يىغىنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

2015.03.05 12:18         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يىغىن باياناتچىسى فۇ يىڭ نۇرغۇن قىزىق نۇقتىلىق مەسىلە توغرىسىدا جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى

  4 – مارت تېلېگراممىسى. 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 – يىغىنى 4 – مارت خەلق سارىيىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، يىغىن باياناتچىسى فۇ يىڭ يىغىن قارالمىسى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى قاتارلىق مەسىلە توغرىسىدا جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇرغۇن قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىگە بىرمۇبىر جاۋاب بەردى. فۇ يىڭ مۇنداق دېدى: يىغىن مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشلاردا ئىمكانقەدەر تېجەشلىك بولۇپ، ياخشى ئىستىلنى ساقلايدۇ.

  39 ۋەكىلنىڭ سالاھىيىتىنىڭ توختىتىلغانلىقى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سالمىقىنى گەۋدىلەندۈردى

  12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا 3000 غا يېقىن ۋەكىل قاتنىشىدىغان بولۇپ، ئىككى يىلدىن بۇيان 39 ۋەكىل ئىنتىزامغا ياكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقىدىن ۋەكىللىك سالاھىيىتى توختىتىلدى. فۇ يىڭ بۇنىڭغا قارىتا مۇنداق دېدى: بۇ بىر جەھەتتە، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سالمىقىنىڭ ئاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، يەنە بىر جەھەتتە، ۋەكىللەرنى نازارەت قىلىش ئۈنۈمىنىڭ ئاشۇرۇلغانلىقىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنغا رىئايە قىلىشتا نەمۇنە بولۇپ، ۋەزىپىسىنى ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك. ئەگەر ۋەكىللەر ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى ياخشى ئادا قىلالمىسا، قانۇن بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، سايلىغۇچى ئورۇن ياكى سايلىغۇچىلار ئۇلارنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرسا بولىدۇ. ئېلىمىزدە بەش دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىدىن جەمئىي 2 مىليون 670 مىڭ كىشى بار بولۇپ، %90 خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ھەممىسى يېزا، ناھىيە دەرىجىلىك ئورۇنلاردا. ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرىنىڭ ساپاسى ۋە ئىپادىسى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۈنۈمدارلىقى ۋە خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك.

  قانۇن چىقىرىشتا ئىسلاھات تەدبىرلىرى بىلەن ئۇدۇللاپ، ئىسلاھاتنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىش كېرەك

  فۇ يىڭ قانۇن چىقىرىش بىلەن ئىسلاھاتنىڭ مۇناسىۋىتىگە جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: قانۇن چىقىرىش خىزمىتى بىلەن ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئۆزئارا ئۇدۇللاشتا مۇھىم ئىسلاھاتلارنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىش كېرەك. ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە زور قايتىلاش ۋە سەۋەنلىك كۆرۈلۈشىدىن ساقلىنىش كېرەك، ئالدىن يولغا قويۇپ ئالدىن سىناق قىلىش، ئۆرنەك ئېلىپ كېڭەيتكىلى بولىدىغان بەزى تەجرىبىلەر توغرىسىدا ئىزدىنىش، بۇ ئاساستا قانۇن تۈزۈپ ئاندىن ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، ئىسلاھاتنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  شياڭگاڭنىڭ ۋاقتىدا ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈپ، ‹‹قېرىنداشلار ئارىسىدا›› تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ توپلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز

  فۇ يىڭ شياڭگاڭدا ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىگە قارىتا مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە رايونى باش مەمۇرىنى سايلاش توغرىسىدىكى قارارىدىن تەۋرىنىشكە بولمايدۇ. شياڭگاڭنىڭ بۇ قارار ۋە نېگىزلىك قانۇنغا ئاساسەن، ۋاقتىدا ئومۇمىي سايلامنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. فۇ يىڭ شياڭگاڭدىكى ئاز ساندىكى شەھەر ئاھالىسى بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ساياھەتچىلەر ئارىسىدا سۈركىلىش بولغانلىقىغا قارىتا مۇنداق دېدى: ئىككى جايدىكى ئامما ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، بىر – بىرىگە ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشى كېرەك.

  2015 – يىلى دۆلەت مۇداپىئە خامچوتى تەخمىنەن %10 كۆپەيتىلىدۇ

  فۇ يىڭ مۇنداق دېدى: 2015 – يىللىق خامچوت دوكلاتى لايىھەسىدە دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنى تەخمىنەن %10 كۆپەيتىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىلدى. بۇلتۇر بىزنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى خامچوتىمىزنىڭ ئېشىش نىسبىتى %12.2 بولدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتى مۇداپىئە خاراكتىرلىك بولۇپ، ئاساسىي قانۇندا ئېنىق بەلگىلەنگەن. بۇ پىرىنسىپنى بىز ئاسانلىقچە ئۆزگەرتمەيمىز. جۇڭگو بۇنىڭدىن كېيىن تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا داۋاملىق چىڭ تۇرىدۇ.

  مۇھىت ئاسراشقا ئائىت بىر يۈرۈش قانۇنلارغا چوڭ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلىدۇ

  فۇ يىڭ مۇھىتنى تۈزەشكە ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: يېڭى مۇھىت ئاسراش قانۇنى ‹‹تارىختىكى ئەڭ قاتتىق مۇھىت ئاسراش قانۇنى›› دەپ ئاتالدى، لېكىن بۇ قانۇنلا بولسا بولمايدۇ، بىر يۈرۈش ئالاقىدار قانۇنلارنىڭ ھەممىسىگە زور ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلىدۇ. ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈۋېتىپتۇ، بۇ يىل يەنە سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى تەكشۈرۈلۈپ، مەخسۇس سۈرۈشتۈرۈلىدىكەن ھەم تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ھازىر ئېلىمىزدە مەخسۇس تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش قانۇنى يوق بولۇپ، بۇ ھەقتە مەخسۇس قانۇن چىقىرىپ، تۇپراقنىڭ بۇلغىنىش مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ.

  باج ئېلىشتا قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاقىت جەدۋىلى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، 2020 – يىلىدىن ئىلگىرى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش قولغا كەلتۈرۈلىدۇ

  فۇ يىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى يېقىلغۇ بېجىنىڭ بىرنەچچە قېتىم ئۆرلىشى ۋە باج ئېلىشتا قانۇندا بەلگىلەنگەن پىرىنسىپقا ئالاقىدار مەسىلىلەرگە قارىتا مۇنداق دېدى: باج ئېلىشنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلىرى تەدرىجىي پىشىپ يېتىلدى، ئومۇمىي نىشانىمىز 2020 – يىلىدىن ئىلگىرى باج يىغىشتا قانۇندا بەلگىلەنگەن پىرىنسىپنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت. باج ئېلىشنى قانۇندا بەلگىلەش ھۆكۈمەت قايسى باجنى ئېلىش، كىمدىن ئېلىش، قانچىلىك ئېلىش، قانداق ئېلىشنىڭ ھەممىسى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن چىقىرىشى ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ، دېگەنلىكتۇر.

  تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى لايىھەسىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى تور سودىسى قىلغۇچىلارنىڭ يوللۇق مەنپەئىتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ

  فۇ يىڭ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى لايىھەسىگە كۆڭۈل بۆلۈدىغانلىقىغا قارىتا مۇنداق دېدى: تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى لايىھەسىدە، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، تېلېگراف ۋە ئالاقە تورىنىڭ تېخنىكىلىق ئۇلاش ئېغىزىدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ ئۇسۇل مەمۇرىي قانۇن پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن، شۇنداقلا خەلقئارادا بىر قەدەر ئومۇملاشقان ئۇسۇل، تور سودىسى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ يوللۇق مەنپەئىتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ تەدبىرنى قوللىنىشنىڭ قاتتىق چەكلەش شەرتى بار، بىرىنچىدىن، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تەكشۈرۈشتىلا بۇنداق تەدبىرنى قوللىنىشقا بولىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ج خ ئورگىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ ئىشلىتىشى بىلەنلا چەكلىنىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، جەزمەن قاتتىق تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتىن ئۆتكەن بولۇشى كېرەك. 

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر