باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىككى يىغىندىن تارقالغان ئىسلاھات خەۋىرى دۇنياغا ئىشەنچ ۋە ئىلھام، ھەمكارلىشىپ تەڭ غەلىبە قىلىدىغان ئىجابىي كۈچ يەتكۈزىدۇ

2015.03.04 15:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  {«تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئۇلۇغۋار ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى-جۇڭگو ئىسلاھاتىنىڭ دولقۇنلار يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە باشلامچىلىق قىلماقتا. ئىككى يىغىندىن تارقالغان ئىسلاھات خەۋىرى دۇنياغا ئىشەنچ ۋە ئىلھام، ھەمكارلىشىپ تەڭ غەلىبە قىلىدىغان ئىجابىي كۈچ يەتكۈزىدۇ.}

  ھەر يىلقى جۇڭگونىڭ ئىككى يىغىنىدا خەلقئارا جامائەتچىلىك دىققەت قىلىدىغان قىزىق نۇقتا ئىسلاھاتتىن ئايرىلالمايدۇ.

  بۇ يىل جۇڭگو ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان، 12-بەش يىللىق پىلاننى ئومۇميۈزلۈك تاماملاپ ھوسۇل ئالىدىغان يىل. ئىسلاھات شۈبھىسزكى، تېخىمۇ كۆپ ئۈمىد ۋە تېخىمۇ چوڭقۇر سالماقنى ئۈستىگە ئالغان. ئىسلاھات جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تارىخى ئورنى ۋە دۇنيا تەرەققىيات ۋەزىيىتى بىلەن باغلىنىشلىق، جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يۆنىلىشى ۋە ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ توغرا ئىگىلەپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش جاسارىتىنى ھەقىقىي ھېس قىلالايدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ بولۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. دۇنيا بۇنىڭغا يېقىندىن دىققەت قىلماقتا. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى «ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، يېڭى نىشاننى بېكىتىش» دەپ «تۆت ئومۇميۈزلۈك»نىڭ ئەھمىيىتىنى مۇشۇنداق خۇلاسىلەپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» جۇڭگونىڭ تەرەققىيات نىشانىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، دېدى. جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتى تېز يولغا كىردى. ئەنگلىيە پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى: جۇڭگو كۈچلۈك ئىسلاھات ھالىتى بىلەن ئىسلاھاتنىڭ ھالقىلىق يىلى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش يىلىغا قەدەم باستى، دەپ قىياس قىلدى.

  خەلقئارا جامائەتچىلىك جۇڭگونىڭ ئىسلاھات قەدىمىنى تەسۋىرلەپ، «مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ كەتتى»، دەپ ھېسابلىدى. ھەممىگە مەلۇمكى، تۈرلۈك ئىسلاھاتلار مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. 2014-يىلى ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى ئەڭ كۆپ، ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى،سالمىقى چوڭ بولۇپ، ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان. مەركەز ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى بېكىتكەن 80نۇقتىلىق ۋەزىپە ئاساسى جەھەتتىن ئورۇنلىنىپ بولدى، مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى يەنە 108 ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى تاماملاپ بولدى، 370ئىسلاھات تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇشى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىسلاھاتنىڭ داغدۇغىسىغا ئايلاندى. سىنگاپور ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتىنىڭ تەسىراتلىرى ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، «دۇنياغا نەزەر سېلىشتا، ھېچقانداق بىر دۆلەت جۇڭگودەك دېگىنىنى قىلىش، پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىك شەكلى بىلەن ئىسلاھات مۇساپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى قىلىپ بولالمىدى، دەپ ھېسابلىدى.

  دۇنيانىڭ نەزىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك مۇھىم بايانلىرىغا، مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئاچقان ھەر بىر قېتىملىق يىغىن ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا، ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىش، دۆلەت كارخانىلىرى مەسئۇللىرىنىڭ ئىش ھەققى چېكى، شەھەر-يېزىلارنىڭ ياشانغانلار كۈتۈنۈشىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، «يالغۇز پەرزەنتلىكلەر ئىككى بالىلىق بولۇش، «ئىمتىھان بىلەن ئۆمۈرلۈك ئىستىقبالىنى بېكىتىشنى بۇزۇپ تاشلاش» قاتارلىق كونكرېت ھەرىكەتلەرگە مۇجەسسەملەندى. ئەنگلىيەدىكى 48 گۇرۇھ كۇلۇبىنىڭ رەئىسى سىتىۋىن پىل مۇنداق دېدى: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش يىپيېڭى جۇڭگوغا ئاساس سېلىپ بەردى. ھازىرقى جۇڭگو ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشى، مۇھىت ئاسراش، مۇۋاپىق تۇرمۇش سەۋىيەسىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بەرمەكتە ھەمدە پاراۋانلىق تۈزۈمى ئارقىلىق ئاجىز ئاممىغا يار يۆلەكتە بولماقتا.

  جۇڭگو ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قەتئىي كەسكىن قەدەم، ئومۇميۈزلۈك سىستېما ئۇسۇلى بىلەن قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش يېڭى دولقۇنىغا باشلامچىلىق قىلماقتا. «داۋالاش ئىسلاھاتىدىن ئىبارەت دۇنياۋى خاراكتېرلىك قېيىن تېمىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى تەتقىق قىلىشقا، ئۆرنەك قىلىشقا بولىدۇ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا «ئىسلاھات شېرىكلىرى بولۇشى»، « جۇڭگو خەلقى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىستىقبالى»غا شۇنداقلا دۇنيانىڭ ئىستىقبالىغا دىققەت قىلىشى كېرەك. خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ بۇنداق قىزغىن باھالىرى-جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا بولغان كۆزىتىش ھۆكۈمى، دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىدىكى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە بولغان ئۈمىدىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. دۇنيا بانكىسىنىڭ سابىق باشلىقى زولىك مۇنداق دېدى: مەيلى سىنگاپور، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ياكى ياۋروپا، ئامېرىكا بولسۇن ھەممىسى مەلۇم دەرىجىدە جۇڭگونىڭ ئىسلاھات نەتىجىلىرىگە تايىنىدۇ.

  تۆت ئومۇميۈزلۈكنىڭ ئۇلۇغۋار ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى-جۇڭگو ئىسلاھاتىنىڭ دولقۇنلار يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە باشلامچىلىق قىلىدۇ. ئىككى يىغىندىن تارقالغان ئىسلاھات خەۋىرى دۇنياغا ئىشەنچ ۋە ئىلھام، ھەمكارلىشىپ تەڭ غەلىبە قىلىدىغان ئىجابىي كۈچ يەتكۈزىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر