باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىككى يىغىندىكى يېڭى ھالەتلەر

2015.03.04 15:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۆتكۈزگەن 1-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنلاردا يىغىن ئىنتىزامى بىردەك تەكىتلەندى. يىغىن ئاچقاندا تېلېفون قوبۇل قىلماسلىق، زىياپەتنى رەت قىلىش، سۆز قىلغاندا قۇرۇق گەپ قىلماسلىق تەلەپ قىلىندى. جياڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 1-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جياڭشى ئۆلكىلىك پارتكوم شۇجىسى چياڭ ۋىي يىغىن ئىستىلى مەسىلىسىدە: دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش، يىغىنغا مۇناسىۋەتسىز ئىشلارنى قىلماسلىقتەك تەلەپنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىن مەزگىلىدە ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلاردىن پايدىلىنىپ، رۇخسەت سوراش ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى تەرىپىدىن چەكلەندى. خېنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لىيۇ چۈنلىياڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا، يىغىن مەزگىلىدە بىردەك رۇخسەت سوراشقا، ئۇياقتىن بۇياققا قاتراشقا، تېلېفون قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. «ئولتۇرۇش قىلىش، زىياپەت بېرىش»- ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ يىغىن ئىنتىزامىنىڭ تۆۋەن چېكى قىلىندى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، يۈننەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى جىخىڭ مۇنداق دېدى: بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ. چوڭ يەپ چوڭ ئېچىشقا، تەرتىپسىزلىك قىلىشقا بولمايدۇ. ۋەكىللەرنىڭ بېيجىڭدا يىغىنغا قاتناشقاندىن باشقا ۋاقىتتىكى پائالىيەتلىرى توغرىسىدا ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى چەكلىمىنى ئايدىڭلاشتۇردى. خەينەن ئۆلكىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى فۇ يۆلەن مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ تەستىقلىشى بولمىسا، ۋەكىللەرنى يىغىن قارالمىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا تەشكىللىمەيمىز، ھەر قايسى ئورۇنلار ۋەكىللەر قاتنىششقا تېگىشلىك يىغىنلارنى ئاچماسلىقى ، ۋەكىللەرمۇ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ كېڭىشىش كونكرېت خىزمىتىگە قاتناشماسلىقى كېرەك. بىر قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىمۇ فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىش توغرىسىدا كونكرېت تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. شەندۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بو جىمىن مۇنداق دېدى: خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسى ۋە ساداسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئادەتتىكىدەك پوزىتسىيە ۋە خىزمەت دوكلاتى بەرمەسلىك كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر