25-ئاپرېل، 2020-يىللىق توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى يېڭى نۇسخىدىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بەلگىسىنى ئېلان قىلدى. كۆك رەڭلىك چاسا شەكىللەردىن تەشكىل تاپقان يۇمىلاق گۈلدىن يېڭىچە بەلگە ھاسىل بولغان. سۈرەتتىكىسى 25-ئاپرېل ياپونىيە پايتەختى توكيودا تارتىلغان 2020-يىللىق توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى (سولدا) ۋە مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بەلگىسى.