26-ئاپرېل شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتىدىن كەلگەن 65 نەپەر ئاساسىي قاتلام لايىھەلىگۈچى سۇجۇ يىپەك مۇزېيى، سۇجۇ كەشتىچىلىك تەتقىقات ئورنىغا بېرىپ، ئېكسكۇرسىيە ۋە ئۆگىنىشتە بولدى.
ئىگىلىنىشىچە، سۇجۇ يىپەك مۇزېيى مەملىكتىمىزدىكى تۇنجى يىپەك كەسپىي مۇزېيى بولۇپ، بۇ مۇزېي كۈچلۈك كەسپىي ئالاھىدىلىك ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە. سۇجۇ مۇزېيى ئىچىدە ئەتلەستە يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كۇرسىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئالدى-كەينى بولۇپ قەدىمىي ساراي، زامانىۋى ساراي، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيى، توقۇمىچىلىق رەستىسى قاتارلىقلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان، چۈشەندۈرگۈچىلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشى بىلەن ئوقۇغۇچىلار مەملىكىتىمىزنىڭ يىپەك سانائىتى تەرەققىيات تارىخىنى يەنىمۇ چۈشەنگەن.
ئىگىلىنىشىچە، ‹‹تەڭرىتاغدىن ھالقىغان ئەتلەس›› يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كۇرسىنى شىنجاڭ توقۇمىچىلىق كىيىم-كېچەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ۋە شىنجاڭ ئالاقە تور ئۇچۇر ئىشخانسى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن.