فرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاند (سولدىن ئىككىنچى) ۋە گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل(سولدىن بىرىنچى) 25-مارت تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ، فرانسىيەنىڭ سېينې بازىرىدىكى ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش قوماندانلىق شتابىغا باردى.
فرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاند، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل ۋە ئىسپانىيەنىڭ باش ۋەزىرى راجوي 25-مارت فرانسىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى يۇقىرىقى پروۋېنس ئالپېس ئۆلكىسىنىڭ سېينې بازىرىغا باردى. سېينې بازىرى A320 بەلگىلىك ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن جايغا يېقىن بولۇپ، ھازىر قۇتقۇزۇش ئەترىتى ۋە تاراتقۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ يەرگە يىغىلدى. فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىسپانىيە ئۈچ دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان فرانسىيە ژاندارمىسى ۋە ئوت ئۆچۈش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن سۆزلەشتى. ئۇنىڭدىن كېيىن فرانسىيە يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە ئائىت دوكلاتنى ئاڭلىدى.
مەنبە: خەلق تورى