باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ چېگرا مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ۋەكىللەرنىڭ 18- قېتىملىق ئۇچرىشىشى يېڭى دېھلىدا ئۆتكۈزۈلدى

2015.03.26 09:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ چېگرا مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ۋەكىللەرنىڭ 18- قېتىملىق ئۇچرىشىشى 23- مارت يېڭى دېھلىدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى، دۆلەت كومىسسارى ياڭ جېچى ھىندىستان تەرەپنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى، دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى دوۋار بىلەن چېگرا مەسىلىسىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بىلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلەردە ئىستراتېگىيەلىك سۆھبەتلەشتى.

  ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاھىدە ۋەكىللىرىنىڭ ئۇچرىشىشنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىجابىي ئىلگىرىلەشلىرىنى ئەسلەت ئۆتتى، ھەمدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىيلىقى ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ كەلگۈسى مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ، نەتىجىلەر ۋە ئورتاق تونۇش ئاساسىدا، توغرا يۆلىنىشىنى بويلاپ رامكا سۆھبىتى مۇساپىسىگە تۈرتكە بولۇشنى تەكىتلىدى. ئىككى تەرەپ، چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىن ئىلگىرى، تالاش تارتىش بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ياخشى كونترول قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرا رايونلىرىنىڭ تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكىنى بىرلىكتە قوغداشنى قايتا تەكىتلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر