- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭ ئاساسى قاتلام مەمۇرلىرىنى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرىدۇ
2015.03.26 09:55 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
2015-يىلى شىنجاڭ ئاساسى قاتلام مەمۇرلىرىنى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە ئاساسى قاتلامنىڭ قوبۇل قىلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرىدۇ، قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ تەلىپىنى تۆۋەنلىتىپ، ئاساسى قاتلامغا ئومۇميۈزلۈك ئېتىبار بېرىدۇ. بۇ يىلقى شىنجاڭنىڭ ئاساسى قاتلام مەمۇرلىرىنى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ تەلىپى مۇنداق: جاپالىق، چەت يىراق يېزا بازارلاردىكى خىزمەت ئورۇنلىرىغا كەسپى ۋە خىزمەت تارىخى توغرىسىدا چەك قويۇلمايدۇ، ئىمتىھان بەرگەنلەر سانى بىر قەدەر ئاز بولغان خىزمەت ئورۇنلىرى ئىمتىھان بىلەن قوبۇل قىلىش نىسبىتىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلەتسە بولىدۇ، دەرىجە، تۈر ئىمتىھانىغا تۈرتكە بولۇپ، قوبۇل قىلىش تەلىپىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىپ، بىكار ئىشتات بىر قەدەر كۆپ ۋە مەمۇرلار قوشۇن قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولمىغان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستنىڭ يېزا بازار ئورگانلىرىنىڭ مەمۇرلارنى ئالدىن قوبۇل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر