باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

56-نومۇرلۇق ئاياغ كىيىدىغان خۇدۇيۇمنىڭ غېمى (2)

2014.04.11 09:52         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  20 يىلدا بىر ئېرىشكەن ئەتىۋارلىق ئاياغ

  ھەر يىلى قىش كەلگەندە، خۇدۇيۇم يەنىلا بىر جۈپ ئايىغىنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. نېمىلا دېگەنبىلەن مۇز تۇتۇپ كەتكەن يوللاردا يالاڭئاياغ يۈرگىلى بولمىغاچقا، ئۇ ئىمكانقەدەر سىرتلارغا چىقمايدۇ.

  ‹‹بۇرۇن موزدوزلارنى ئىزدەپ باققانىدىم، بىراق، ئۇلاردىمۇ 56-نومۇرلۇق ئاياغنىڭ قېلىپى يوق ئىكەن، مەن بىر ئادەم ئۈچۈن قېلىپ ياسىسا، باھاسىمۇ ئۇنچە ئەرزان بولمايدىكەن، شۇڭا، يەنىلا ئاياغ كىيىشتىن ۋاز كەچتىم›› دەيدۇ ئۇ.

  ئۈچ يىل بۇرۇن، خۇدۇيۇم يېزا بازىرىغا بارغاندا، ناھايىتى چوڭ بىر جۈپ ئاياغنى ئۇچرىتىپ قالىدۇ، بۇ ‹‹كۈتۈلمىگەن ئامەت››كە ئىشەنگۈسى كەلمىگەن خۇدۇيۇم ئالدىراپ-تېنەپ ئاياغنى كىيىپ باقىدۇ، ئاياغ ئۇنىڭغا دەللا كېلىدۇ. بۇ چاغدا ھاياجاندىن ئۇنىڭ كۆزلىرى چاقناپ كېتىدۇ. نەچچە ئايدىن بېرى سېتىلماي تۇرغان بۇ ئاياغنىڭ ‹‹ئىگىسى›› چىققانلىقىدىن خوجايىنمۇ خۇشال بولۇپ كېتىدۇ. باشقىلارغا ئوخشاش ئاياغ كىيەلىگىنىدىن ئالەمچە خۇشال بولغان خۇدۇيۇم ئۆزىنىڭ ئەمدى قاچان يەنە بىر جۈپ ئاياغقا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى بىلمىگەچكە، بارىنى ئاسراپ كىيىش ئۈچۈن بۇ ئەتىۋارلىق ئاياغنى ئوبدان يەرگە ئېلىپ قويۇپ، پەقەت ھېيت-بايراملاردا ياكى مېھمانغا بارغاندىلا كىيىدۇ.

  ئاياغ كارخانىلىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس قېلىپ ياسايدىغان بولدى

  مارتنىڭ باشلىرى، ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرگەن خىزمەت گۇرۇپپىسى ئۇنىڭ يالاڭئاياغ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ يۇقىرىقى ئەھۋاللاردىن خەۋەردار بولىدۇ ۋە دەرھال گۇرۇپپىدىكىلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، ھەر يەردىن ئۇنىڭغا ئاياغ ئىزدەشكە باشلايدۇ، بىراق، ئەرەنچە ئاياغلارنىڭ ئەڭ چوڭىمۇ 50-نومۇر بولغاچقا، ئۇنىڭ پۇتىغا ماس كەلگۈدەك ئاياغ چىقمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن، خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ياڭ گوچياڭ ‹‹ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر›› ئۈندىدار جامائەت سۇپىسىدا ئاياغ ئىزدەش ‹‹ئېلانى›› چىقىرىدۇ، قالدۇرۇپ قويغان تېلېفون نومۇرىغا نۇرغۇن تېلېفونلار كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئامېرىكا ۋە مېكسىكىدىكى دوستلىرىمۇ بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئۇقۇشىۋاتقانلىقىنى ئېيتىدۇ.

  ‹‹تورنىڭ كۈچى ھەقىقەتەن مۆلچەرلىگۈسىز ئىكەن›› دەيدۇ ۋاڭ گوچياڭ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، تور ئارقىلىق خۇدۇيۇمنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقان نۇرغۇن ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر، ساخاۋەت كارخانىلىرى ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىدۇ، تېخىمۇ خۇشاللىنارلىقى، بىر قانچە ئەرەنچە ئاياغ كارخانىسى خۇدۇيۇمنىڭ پۇتىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ئاياغ قېلىپى ياساشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

  بۈگۈن(9-ئاپرېل)، ياڭ گوچياڭ قاتارلىقلار خۇدۇيۇم بەردىنىڭ ئۆيىگە ئۇنىڭ پۇتىنى ئۆلچەش ئۈچۈن ماڭدى. ‹‹بىز چوقۇم ئۇنىڭ ئاياغ غېمىنى ھەل قىلىپ بېرىمىز، قېلىپ پۈتسە ئۇنىڭمۇ چىرايلىق ئايىغى بولىدۇ، ئەڭ مۇھىمى ئۇ ئەتىياز، ياز، كۈز ۋە قىشتا ئاياغسىز قالمايدۇ›› دەيدۇ ياڭ گوچياڭ مۇخبىرغا.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر