باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئىجتىمائي خەۋەرلەر

ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسى 2 يىلدىن كېيىن پۈتۈن ئاھالىنى قاپلايدۇ

2013.07.22 16:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇشۇ ئايدىن باشلاپ، جىلىن ئۆلكىسى يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىنى ئاتچوت قىلىشنى باشلىدى، جياڭسۇ، ئەنخۇي ئۆلكىلىرىدە يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىنى سىناق قىلىش باشلاندى. 21-ئىيۇل، مۇخبىرنىڭ نوپۇزلۇق تارماقلاردىن ئىگىلىشىچە، بۇلتۇر 8-ئايدا شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، 23 ئۆلكە يولغا قويۇش چارىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن، چىڭخەي، شەندۇڭ قاتارلىق ئۆلكىلەردە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغان. ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ئاتچوت نىسبىتى ئاساسىي جەھەتتىن %60 تىن يۇقىرى بولغان، ھەتتا %80كە يەتكەن، نەپكە ئېرىشكەنلەرنىڭ سانى 90 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشقان. جايلارنىڭ يولغا قويۇش چارىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالىغا ئاساسلانغاندا، 2015-يىلى پۈتۈن ئاھالىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاپلاش ئىشقا ئاشىدىكەن. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار