مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چاقماق ئۇسسۇلى، سىيرىلما تاختا قاتارلىق تۆت تۈر 2024-يىللىق پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە تۈرى قىلىپ بېكىتىلدى

2020.12.09 18:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئىجرائىيە كومىتېتى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى يىغىن ئېچىپ، 2024-يىللىق پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە چاقماق ئۇسسۇلى، سىيرىلما تاختا، تىك قىياغا يامىشىش ۋە دولقۇن يۈزىدە تېيىلىشتىن ئىبارەت تۆت تۈرنى قوشۇپ تەسىس قىلىشنى ماقۇللىدى. ئۇنىڭدىن باشقا قىسمەن چوڭ تۈرلەرنىڭ كونكرېت كىچىك تۈرلىرىمۇ ئازراق تەڭشەلدى.

  مۇسابىقىنى ئىخچام ئۆتكۈزۈش، جىنسىي باراۋەرلىك ۋە ياشلارنىڭ تەلىپىگە كۆڭۈل بۆلۈش پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تۈرىنىڭ ئۈچ چوڭ ئالاھىدىلىكىگە ئايلاندى.

  توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە سېلىشتۇرغاندا، 2024-يىللىق پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش كۆلىمى جەھەتتە يەنىمۇ قىسقارتىلىدۇ. مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ سانى توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى 11 مىڭ 92 كىشىدىن 10 مىڭ 500 كىشىگە قىسقارتىلىدۇ. تۈر ئومۇمىي سانى جەھەتتە، توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 339 كىچىك تۈر بولۇپ، پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 10نى قىسقارتىلىدۇ.

  بارلىق چوڭ تۈر ئىچىدە، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تۈرى ئەڭ چوڭ تەسىرگە ئۇچرايدۇ. بۇ تۈردىكى تۆت كىچىك تۈر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ. ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تۈرىدە ئەر، ئايال ھەر قايسىسىدىن بەش ئالتۇن مېدال تەسىس قىلىنىدۇ، مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 120 بولۇپ، توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان 196 كىشى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئومۇمىي سانى %30 قىسقىرايدۇ.

  جىنسىي باراۋەرلىك جەھەتتە بۇ قېتىمقى پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تۈرىدە تەڭشەلگەن بىر چوڭ ئالاھىدىلىك __ توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئايال تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %48.88 بولۇپ، پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئەر-ئايال تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ھەر قايسىسى %50 بولۇشنى تۇنجى قېتىم ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كىچىك تۈر تەسىس قىلىشتا پارىژ تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە يەنە ئەر-ئاياللار ئارىلاش قاتنىشىدىغان تۈر توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى 18دىن 22گە كۆپەيتىلىدۇ.

  «تۈرنى بۇنداق تەسىس قىلىش بولسا 2024-يىللىق پارىژ تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يۇقۇمدىن كېيىنكى دۇنياغا تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىشى ئۈچۈندۇر. بىز مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش تەننەرخىنى يەنىمۇ كېمەيتىپ، مۇسابىقىنى ئىخچام ئۆتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز» باخ يىغىندىن كېيىنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: يېتىپ كېلىش ئالدىدىكى توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە بىز جىنسىي باراۋەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. لېكىن پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخ بويىچە تۇنجى قېتىم مۇسابىقىگە قاتناشقان ئەر-ئاياللارنىڭ سانى تامامەن ئوخشاش بولغان بىر قېتىملىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بولىدۇ.

  ياشلارغا قۇچاق ئېچىپ، ياشلارنىڭ قىزىقىشىغا كۆڭۈل بۆلۈشمۇ ھازىرقى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ خىزمەت يۆنىلىشلىرىنىڭ بىرى، بۇنى يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن تۆت چوڭ تۈردىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى شەھەر تەنھەرىكىتى ئۇقۇمىنى يەنىمۇ تەشەببۇس قىلىدۇ، سىيرىلما تاختا، تىك قىياغا يامىشىش ۋە چاقماق ئۇسسۇلىنىڭ ھەممىسى بۇ تەنھەرىكەت دائىرىسىگە كىرىدۇ.

  پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى يۇقىرىقى ئۈچ تۈرنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغان ئورنىنى پارىژ شەھەر مەركىزىدىكى شيېخې مەيدانىدا تەسىس قىلىشنى بېكىتتى. دولقۇن يۈزىدە تېيىلىش مۇسابىقىسىنى فىرانسىيەدىن 15 مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تىنچ ئوكيان كىچىك ئارىلى سۇ يۈزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ