مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇھىتى چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشكە دۇچ كەلدى

(پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش)

2020.12.08 19:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «14-بەش يىل» مەزگىلى ئېلىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنىڭ باشلىنىش مەزگىلى، شۇنداقلا دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنىڭ تېز ئۆزگىرىش مەزگىلى، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور يۇقۇمنىڭ سىجىل تەسىر كۆرسىتىش مەزگىلى بولۇپ، ئىچكى-تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇش ۋە ئىلمىي ئىگىلەش − «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش ۋە ياخشى يولغا قويۇشتا ئىنتايىن مۇھىم. پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا «ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرىدۇ، لېكىن پۇرسەت ۋە خىرىسنىڭ ھەممىسىدە يېڭى تەرەققىيات ئۆزگىرىشى بولىدۇ» دېگەن ئىلمىي ھۆكۈم چىقىرىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەتنى دەل جايىدا ئىگىلىگەنلىكى تولۇق نامايان قىلىنىپ، بىزنىڭ تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىنى توغرا تونۇشىمىز، خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشىمىزنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى: «رەھبىرىي كادىرلار ئىككى ئومۇمىيەتنى كۆڭلىگە پۈكۈشى كېرەك، بىرى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيىتى، يەنە بىرى، دۇنيادا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى، بۇ بىزنىڭ خىزمەتلەرنى پىلانلىشىمىزنىڭ ئاساسىي چىقىش نۇقتىسى.» پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پۈتۈن پارتىيە ئىچكى-تاشقى ئىككى ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كىرىزىس ئىچىدە پۇرسەتنى يېتىلدۈرۈشكە، ئۆزگىرىش داۋامىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا ماھىر بولۇشى كېرەك.

  بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە 5-ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئىچكى-تاشقى ئىككى ئومۇمىيەت ئوتتۇرىسىدىكى كۆپ تەرەپلىك، چوڭقۇر قاتلاملىق ھەمتۈرتكىلىك مۇناسىۋەتنى ئىلمىي ئىگىلەپ، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئالاھىدىلىك، يېڭى تەلىپىنى چوڭقۇر تونۇپ، چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت ئېلىپ كەلگەن يېڭى زىددىيەت، يېڭى خىرىسنى چوڭقۇر تونۇپ، پۇرسەت ئېڭى ۋە خەۋپ-خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، كۈرەش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. مەيلى ئىچكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بولسۇن ياكى خەلقئارا زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش بولسۇن، مەيلى سىياسەت تۈزۈش ياكى خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش بولسۇن، ئاڭلىق ھالدا ئىككى ئومۇمىيەتتىن پىلانلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىستراتېگىيەسى ئومۇمىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش، ھەم شۇ ئارقىلىق دۇنيادىكى چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ