خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:
تەرەققىيات بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە، ئىختىساسلىقلار بىرىنچى بايلىق، يېڭىلىق يارىتىش بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچتۇر. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگو يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش يولىدا ماڭمىسا، كونا-يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى ئوڭۇشلۇق ئالمىشالمىسا، ھەقىقىي قۇدرەت تاپالمايدۇ.» كونا-يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشتە تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا ئىختىساسلىقلارغا تايىنىش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنتۇڭ شەھىرى خەيمېن رايونى ئىختىساسلىقلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كەسىپ ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنى توپلاپ، ئىختىساسلىقلارغا تايىنىپ كەسىپلەرنى يېتەكلەپ، كونا-يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئالماشتۇرۇشتا پائال ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى.
كەسپ ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى «يېتىشتۈرۈش ئورنى» بەرپا قىلىندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ياخشى يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى يارىتىپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولغان تەربىيەلەش مېخانىزمى، ھەركىم ئۆز قابىلىيىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولغان ئىشلىتىش مېخانىزمى، بەس-بەستە ئۆسۈپ يېتىلىپ ئۆز ئىقتىدارىنى نامايان قىلىشقا پايدىلىق بولغان رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىشىگە پايدىلىق بولغان رىقابەت مېخانىزمىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى مۇنبەت تۇپراقنى ياخشى يېتىشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ يىلتىزىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تۈركۈم-تۈركۈملەپ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.» كونا-يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولغان يېتىشتۈرۈش مېخانىزمىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش، يېتىشتۈرۈش داۋامىدا ئادەم كۈچى كاپىتالىنىڭ جۇغلىنىشىنى تېزلىتىپ، «ئىختىساسلىقلار پايدىسى»نى تەشەببۇسكارلىق بىلەن يارىتىش كېرەك.
ئىلگىرى خەيمېن رايونىدىكى بەزى كارخانىلارنىڭ كىرگۈزگەن ئىختىساسلىقلارنى داۋاملىق يېتىشتۈرۈش سالمىقى يېتەرلىك بولمىغاچقا، ئىختىساسلىقلارنى «جەلپ قىلىش، تۇتۇپ قالالماسلىق» مەسىلىلىرى كۆرۈلدى. بۇ ئەھۋالغا قارىتا، ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتى تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، باھالاش، يۆتكەش، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. بىر تەرەپتىن، تۈزۈلمە-مېخانىزم توسالغۇسىنى كۈچەپ تۈگىتىپ، ئادەم ئىشلىتىش سۇبيېكتىغا ھوقۇق بېرىپ، ئىختىساسلىقلارنى بوشىتىپ، ئىختىساسلىقلارغا تېخىمۇ كۆپ ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتى، تېخىمۇ چوڭ ئىش قىلىش سەھنىسى، تېخىمۇ كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقى يارىتىپ بېرىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىش، مەغلۇبىيەتكە كەڭ قورساق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئويىنى ھۆرمەتلەپ، يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنى قوللاپ، ئىختىساسلىقلارنى يۈكتىن خالاس قىلىپ، سەپكە يەڭگىل ئاتلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ