مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قائىدە-يوسۇن تەربىيەسىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2020.12.08 19:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش − ئېلىمىزنىڭ «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق نىشانلىرىنىڭ بىرى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «قائىدە-يوسۇن − قىممەت قارىشىنى نامايان قىلىش، خەلقنى تەربىيەلەشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى.» قائىدە-يوسۇن بىر خىل تۈزۈم ئۆلچىمى ۋە قىممەت ۋاسىتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆرپ-ئادەت بەرپا قىلىش، ئادەم تەربىيەلەش ئىقتىدارىغا ئىگە. جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنىڭ يېڭى ئۆستۈرۈش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قائىدە-يوسۇن تەربىيەسىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە يېڭى دەۋر تەلىپىگە ماس كېلىدىغان ئىدىيەۋى قاراش، روھىي قىياپەت، مەدەنىي كەيپىيات، ھەرىكەت ئۆلچىمىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  قائىدە-يوسۇن تۈزۈمىنى ئورنىتىش لازىم. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «بەزى قائىدە-يوسۇن تۈزۈملىرىنى ئورنىتىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى خاتىرىلەش، تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي ئېقىم قىممىتىنى تارقىتىپ، كىشىلەرنىڭ تونۇش تۇيغۇسى ۋە تەۋەلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك.» قائىدە-يوسۇن تۈزۈمىنىڭ تۈرلۈك ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى تەڭشىشى قائىدە-يوسۇن تەربىيەسىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم ئاساسى. قائىدە-يوسۇن تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، مەۋقەنى ھازىرقى زامان ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك بولۇشنى تەكىتلەپ ھەم دۆلەت قاتلىمىدىكى مۇھىم، زور خاتىرىلەش، تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ قائىدە-يوسۇن تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ھەم جەمئىيەت قاتلىمىدىكى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش قائىدە-يوسۇن تۈزۈمىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك؛ ھەم پۈتكۈل جەمئىيەت ئورتاق رىئايە قىلىدىغان قائىدە-يوسۇن قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ھەم ھەر ساھە، ھەر كەسىپنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ھەرىكەت مىزانىنى تۈزۈش كېرەك.

  مىللىيلىكنى نامايان قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك يادرو قىلىنغان مىللىي روھنى نامايان قىلىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى قائىدە-يوسۇن مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتە جۇڭگو روھى، جۇڭگو قىممىتى، جۇڭگو كۈچىنى نامايان قىلىپ، مەدەنىي قەدىمىي دۆلەت، قائىدە-يوسۇن دۆلىتىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلەش كېرەك. دەۋر خاراكتېرىنى نامايان قىلىش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلغان دەۋر روھىنى نامايان قىلىش، زامانىۋى مەدەنىيلىك ئاساسىي ئىدىيەسىگە ئۇيغۇن بولۇش، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى قائىدە-يوسۇن مەدەنىيىتىنىڭ دەۋر قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرۈش ھەم تور ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ ئىپادىلەش شەكلى ۋە ئىپادىلىنىش شەكلىنى بېيىتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ