مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەڭگۈلۈك تېما ۋە ئۆمۈرلۈك تېمىنى دائىم بوشاشماي چىڭ تۇتۇش كېرەك

2020.12.09 18:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمىغاندىلا، ئاندىن باشتىن-ئاخىر كۆزلىگەن نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچ − جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچتۇر، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ خەلق ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئارقا-ئارقىدىن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئارقا-ئارقىدىن قىيىن ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتۈشىدىكى كۈچ مەنبەسى. بۇ ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچ ئۈچۈن سانسىزلىغان كوممۇنىستلار ئىنقىلابىي ئۇرۇش يىللىرىدا قەتئىي تىز پۈكمەي، قۇربان بېرىشتىن قورقماي، قۇرۇلۇش مەزگىلىدە خالىس تۆھپە قوشۇپ، پۈتۈن كۈچىنى بېغىشلاپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى مەزگىلىدە سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلدى.

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى-كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن قارشى يۆنىلىشكە قاراپ ماڭدى، بۇ دەل كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىغانلىقىنىڭ جانلىق ئىپادىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مەڭگۈلۈك تېمىسى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى-كادىرلارنىڭ ئۆمۈرلۈك تېمىسى قىلىپ، دائىم بوشاشماي تۇتۇش كېرەك.» بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنى ئۆمۈرلۈك تېما قىلىپ، دائىم بوشاشماي تۇتۇشىمىز كېرەك.

  ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىغاندىلا، ياخشى ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «بىر ئادەم بولسۇن، بىر پارتىيە بولسۇن ئەڭ تەستە ئېرىشىدىغىنى دەل ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۆزگەرتمەسلىك، يەتكۈچە ئىسسىق-سوغۇقنى باشتىن كەچۈرۈپمۇ، خىسلىتىنى يەنىلا ساقلاشتۇر.» پارتىيەمىزنىڭ يېقىنقى 100 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئەسلىسەك شىكۇمېندىن تيەنئەنمېنگىچە، گۈللىنىش يولىدىن قايتا گۈللىنىش يولىغىچە كەڭ خەلق ئاممىسىنى يېتەكلەپ، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسى ۋە ئالىي غايىگە قاراپ ئىلگىرىلەش مۇساپىسىدە، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى باشتىن-ئاخىر ئۆزگەرمىدى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەيلى پۈتۈن پارتىيەدە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش بولسۇن ياكى پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىش»نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بولسۇن ھەممىسىدە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش مەقسەت قىلىندى. چۈنكى پارتىيەمىز شۇنى چوڭقۇر بىلىدۇكى، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىغاندىلا، ئاندىن ياخشى ئىش قىلىپ ياخشى نەتىجە قازىنىپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ