مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

رايونلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى تېز، ياخشى ئىشلەپ، ئەركىن سودىنى قوغداپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ «ھۆكۈمەت نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى نىزامى (لايىھەسى)» ماقۇللاندى

2020.12.03 18:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 1-دېكابىر گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا رايونلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى تېز، ياخشى ئىشلەپ، ئەركىن سودىنى قوغداپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ «ھۆكۈمەت نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى نىزامى (لايىھەسى) ماقۇللاندى».

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېقىندا شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقى رەھبەرلىرى يۈرۈشلۈك يىغىنىدا رەسمىي ئىمزالانغان رايونلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا مۇھىتنىڭ ئېنىقسىزلىقىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، رايون ئىچىدىكى ئەركىن سودىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئالاقىدار دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇشتا، دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. كېلىشىمگە ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلىتىمىز ئۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق كېلىشىمنىڭ ئەمەلىيلىشىپ كۈچكە ئىگە بولۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك، بۇ جەھەتتە نۇرغۇن جىددىي خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئالاقىدار تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، كېلىشىمگە سېلىشتۇرۇپ ۋەزىپە، ئىش تەقسىماتى ۋە ۋاقىت چېكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كېلىشىم كۈچكە ئىگە بولۇپ يولغا قويۇلغان دۆلەتلەر ئىچىدىكى ئالاقىدار خىزمەتلەرنى بالدۇرراق تاماملىشى كېرەك.

  بىرىنچى، تارماقلار ئارا ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنى تېز تاماملاپ، مال سودىسى، مۇلازىمەت سودىسى، مەبلەغ سېلىش، تەبىئىي شەخسلەرنى يۆتكەش قاتارلىق ساھەلەرنى ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، سودا، سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، سودا ئارقىلىق قۇتقۇزۇش، ئېلېكتىرونلۇق سودا، ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش، ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلار ۋە ئىقتىساد-تېخنىكا ھەمكارلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم قائىدىسىنى يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  ئىككىنچى، كېلىشىم يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، رايون ئىچىدىكى مال سودىسىدا تاموژنا بېجى ئېلىنمايدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ سانى ئومۇمىي جەھەتتىن %90 كە يېتىدۇ، تاموژنا بېجىنى كېمەيتىش، تاموژنا تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇش، ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جاينىڭ قائىدىسى، تېخنىكا تەييارلىقى، مەھسۇلات ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە كېلىشىمنى يولغا قويۇش تەدبىرلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، تېز توشۇش، ئاسان سېسىيدىغان ماللارنى ئالتە سائەت ئىچىدە قويۇۋېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. كېلىشىمدىكى مۇلازىمەت سودىسىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئېچىۋېتىش ۋەدىسى ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھازىرقى ئەركىن سودا كېلىشىمى سەۋىيەسىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى، دۆلىتىمىزنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش، باشقۇرۇش، مەسلىھەت بېرىش، ياسىمىچىلىققا ئالاقىدار مۇلازىمەت، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى، كەسپىي لايىھەلەش، بىناكارلىق قاتارلىق نۇرغۇن مۇلازىمەت تارماقلىرىغا بەرگەن يېڭى ئېچىۋېتىش ۋەدىسى بويىچە، ئېچىۋېتىش تەدبىرلىرىنى بىر-بىرلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. سەلبىي تىزىملىككە مەبلەغ سېلىش ۋەدىسىنى ئەمەلىيلەشتۇرۇپ، تىزىملىكتىن باشقا چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش چەكلىمىسىنى يېڭىدىن كۆپەيتىشكە بولمايدۇ. تۇنجى قېتىم ئەركىن سودا كېلىشىمىدە چىقىرىلغان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئومۇميۈزلۈك قوغداش ۋەدىسىنى نەقلەشتۈرۈپ، ئەسەر ھوقۇقى، تاۋار ماركىسى، جۇغراپىيەلىك بەلگە، پاتېنت، ئىرسىيەت بايلىقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى قوغداش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش كېرەك. ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش ۋە ئىمزا قويۇش، توردا شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش، تور بىخەتەرلىكى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر يوللاش قاتارلىق ماددىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  ئۈچىنچى، كېلىشىمنى يولغا قويۇشقا ئالاقىدار قائىدە-تۈزۈملەرنى چىڭ تۇتۇپ رەتلەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېلىشىمدە بەلگىلەنگەن چەكلەش خاراكتېرلىك مەجبۇرىيەتنىڭ جايىدا ئىجرا قىلىنىشىغا، دۆلەت ئىچىدىكى مەمۇرىي تەدبىر ۋە تەرتىپنىڭ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  تۆتىنچى، يەرلىك، سودا جەمئىيىتى ۋە كارخانىلارغا يۈزلىنىپ، كېلىشىمنى تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش، تەربىيەلەشنى يولغا قويۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى، بولۇپمۇ كەڭ كارخانىلارنى كېلىشىم قائىدىسىنى پىششىق بىلىش ۋە ئىگىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېچىۋېتىش ۋە رىقابەت ئېلىپ كەلگەن پۇرسەت ۋە خىرىسنى ئومۇميۈزلۈك تونۇپ، بازار رىقابىتىدە ھەمكارلىق، تەرەققىيات بوشلۇقىنى تىرىشىپ كېڭەيتىش كېرەك.

  يىغىندا «ھۆكۈمەت نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش خىزمىتى نىزامى (لايىھەسى)» ماقۇللىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىم، زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كۆزدە تۇتۇلۇپ، نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش خىزمىتى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ھۆكۈمەت نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئورنى ۋە مەسئۇلىيەت چېگراسى بېكىتىلىپ، تەرتىپ تەلىپى ۋە قوللاش-كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرى بەلگىلىنىپ، نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈشكە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ھۆكۈمەت مەسلىھەتچىلىرى ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى تەكلىپ قىلىپ قاتناشتۇرسا بولىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ئوبيېكتىپ، ئادىل بولۇش قاتارلىق تەلەپلەر گەۋدىلەندۈرۈلدى ھەم تەكرار نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش، كۆپ تەرەپ نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش، ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ نازارەت قىلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىپ، شەكىلۋازلىق ۋە بىيۇروكراتلىقنى قاتتىق توسۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئازايتىپ، ئەمىر-پەرمانلارنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىندى.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ