مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ئاساسىي تەرىپى ئۆزگەرمىدى

−− يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى چوڭقۇر تونۇش ۋە ئىگىلەش ھەققىدە (4)

2020.12.09 18:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېقىندا، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 10-ئايلىق ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئاساسلىق سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە، 10-ئايدا يېمەك-ئىچمەك كىرىمى 437 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.8 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇ يىل ئىچىدە تۇنجى قېتىم مۇسبەت بولدى. يېمەك-ئىچمەك كەسپىنىڭ ئۈزلۈكسىز جانلىنىشى، ئىستېمال بازىرىنىڭ كۈنسېرى جانلىنىشى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك ئەۋرىشىملىكى ۋە تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشتەك ئاساسىي يۈزلىنىشىنى نامايان قىلدى.

  «13-بەش يىل» ئاخىرلاشتى، «14-بەش يىل» باشلاندى، ئېلىمىز يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرماقتا. يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدا، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ئاساسىي تەرىپى ئۆزگەرمىدى، بۇ، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىپ، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارنى يېڭىش ئۈچۈن مۇستەھكەم توسما قۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  ئىشەنچىمىز پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغان تۈزۈم ئەۋزەللىكىدىن كەلگەن، بۇ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ئۇزاققىچە داۋاملىشىشى، جەمئىيەتنىڭ تىنچ بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بىزنىڭ قارىماققا يەڭگىلى بولمايدىغان قىيىن ئۆتكەللەرگە ئارقا-ئارقىدىن ھۇجۇم قىلىپ، دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلىش مۆجىزىسى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىملىق مۆجىزىسىنى يارىتىشىمىزنىڭ نېگىزى شۇكى، بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىگە ئىگە، تۈزۈم ئەۋزەللىكىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرالايمىز.

  پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مەنپەئەتى ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتىنى كۆزلەپلا قالماستىن، بەلكى ئىقتىسادىي ھەرىكەتتىكى مەسىلىلەرگە ئاساسەن جانلىق، مۇۋاپىق پەيتتە تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەپ، ئىقتىسادتا چوڭ داۋالغۇش كۆرۈلمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىدۇ. تايانچ بولغاندىلا، مىليونلىغان خەلقنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ھەممە بىر نىيەتتە ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ قۇدرەتلىك سىياسىي رەھبەرلىك كۈچى، ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك كۈچى، ئاممىنى تەشكىللەش كۈچى، ئىجتىمائىي چاقىرىق كۈچىگە ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. بۇ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆجىزىسىنىڭ سىياسىي كاپالىتى، شۇنداقلا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرۈشىنىڭ ئاچقۇچىدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ