مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ئارقىلىق جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچ قوشۇش لازىم

2020.12.09 18:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا: ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بار، ھەممە كىشى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، ھەممە كىشى بەھرىمەن بولىدىغان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلەندى. جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشتا تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇبيېكتلارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، تۈرلۈك يېڭى تاراتقۇلارنىڭ ئاممىنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش، كۆپ خىللاشقان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سۇپىسى قۇرۇش، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بايلىقىنى توپلاش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى رولى كۈنسېرى گەۋدىلەندى. جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ ئىجابىي رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

  ئابونتلار ئاساسىنى پۇختىلاش لازىم. جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشتا، خەلق ئاممىسىنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئابونتلار پۈتۈن تاراتقۇلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ئاساسى. تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا ئابونتلارنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى كۆزلەپ، تېرمىنالنىڭ ئادەمگە ئەگىشىپ مېڭىشى، ئۇچۇرنىڭ ئادەمنى چۆرىدەپ ئايلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن تاراتقۇنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا كۈچ قوشۇشىغا پۇختا ئابونتلار ئاساسى سېلىش كېرەك.

  دىققەتنى تۈزەش قىيىن نۇقتىلارغا مەركەزلەشتۈرۈش لازىم. ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا يېڭى بوشلۇق ئېچىپ بەردى، شۇنداقلا جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مۇھىم تىرەك بىلەن تەمىنلىدى. ئىلغار تېخنىكا ئارقىلىق تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، G5، چوڭ سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش، نەرسە تورى، بۆلەك زەنجىرى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكا ۋاسىتىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېڭى تېخنىكىنىڭ ئالدىن كۆرەرلىك تەتقىقاتى ۋە قوللىنىلىشىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۆپلىگەن تاراتقۇلار يۇغۇرما سۇپىسى بىلەن تەمىنلەپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى، دەل جايىدا بولۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك.

  نۆۋەتتە، توردا پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش، ئابونتلارنىڭ شەخسىي سىرىنى ئاشكارىلاش، چوڭ سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق تونۇشلارنى قويۇش، توردا زوراۋانلىق قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا يېڭى خىرىس ئېلىپ كەلدى. تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا دىققەتنى جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتىكى قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت ۋە ئابونتلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئېھتىياجىنى كۆزلەپ ئابونتلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈشنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، ئابونتلارنىڭ غەم-ئەندىشىسى، باش قاتۇرىدىغان ئىشلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ