مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئورتاق بېيىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش لازىم

2020.12.07 18:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تەكلىپ» دېيىلىدۇ)دە، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىدا تېخىمۇ روشەن ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشنى كەلگۈسى نىشان قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇش − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش تۈپ مەيدانىنى تولۇق نامايان قىلغان بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى مۇھىم تىرىشىش يۆنىلىشى ۋە ئاساسىي مىزانىدۇر.

  پارتىيەمىز ئورتاق بېيىشنى قىممەت ئىدىيەسى قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئورتاق بېيىشنى ئەمەلىيەت تەلىپى قىلىپ ئىلگىرى سۈردى. دېموكراتىك ئىنقىلاب مەزگىلىدە، پارتىيەمىز كەڭ دېھقانلارغا رەھبەرلىك قىلىپ، «مۇشتۇمزورلارنى يوقىتىپ، يەر تەقسىم قىلىپ»، كەڭ دېھقانلارنى ئازادلىققا ئېرىشتۈرۈشتە، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، پارتىيەمىزنىڭ كەڭ دېھقانلارغا رەھبەرلىك قىلىپ، «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش»، كەڭ دېھقانلارنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈشىمۇ ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىز يېزىلاردىكى 700 مىليوندىن ئارتۇق نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتۇلدۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلىقنى ئازايتىش مۆجىزىسىنى ياراتتى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىجادىيلىققا، خاسلىققا ئىگە نۇرغۇن مۇھىم، زور تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، سالمىقى ئەڭ كۈچلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى تەشكىللەپ يولغا قويدى. سەككىز يىل سىجىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، بىز يېڭى دەۋردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان-ۋەزىپىلىرىنى قەرەلىدە تاماملىدۇق، ھازىرقى ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى، كۆك نامراتلىق ۋە رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىقنى تۈگىتىپ، 100 مىليونغا يېقىن نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈردۇق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ