مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم

2020.12.07 18:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش − ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە، شۇنداقلا نامرات رايونلارنىڭ قان ئىشلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، ئاممىنىڭ ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك پىلانى. كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرىنى پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كەسىپ تۈرلىرىنى نامرات رايونلارغا ماكانلىشىشقا يېتەكلەش ۋە تۈرتكە بولۇش كېرەك.» كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈش مۇھىم. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلەت تەرەققىيات-سېلىنما گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە «دۆلەت مەبلەغ سېلىش شىركىتى» دەپ قىسقارتىلىدۇ) باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، دۆلەت كاپىتالىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىجتىمائىي كاپىتال سېلىنمىسىغا تۈرتكە بولۇپ، نامرات رايونلارنىڭ قان ئىشلەش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ كۈچەيتتى.

  دۆلەت كاپىتالىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، نامرات رايونلارنىڭ تەرەققىيات مەبلىغى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش كېرەك. نامرات رايونلارنىڭ قان ئىشلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشتە، نامرات رايونلاردىكى كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، كەسىپ تەرەققىياتى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنىڭ كۆپىيىشى ۋە باج كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ياخشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. نامرات رايونلار، بولۇپمۇ «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»نىڭ كەسىپ ئاساسى ئاجىزراق، كارخانىلارنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى يۇقىرى ئەمەس، سالغان مەبلىغىنىڭ پايدىسى تۆۋەن.

  تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت كاپىتالى مەبلەغ سېلىش شىركىتى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ئورۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلەت مەبلەغ سېلىش شىركىتى دۆلەت كاپىتالىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك ئىككى كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش فوندىنى سۇپا قىلىپ، مەبلەغ سېلىش ئىدىيەسىنى پائال ئۆزگەرتىپ، فوند ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ۋە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى يولىنى ئاچتى؛ فوند باشقۇرۇش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، كەسىپلەشكەن سېلىنمىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ قاتنىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغىدى؛ نامراتلارنى يۆلەش ئارقىلىق شىركەتنى ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، فوند سېلىنمىسىنى بازارلاشتۇرۇش بىلەن ئاممىۋى پاراۋانلىقنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى؛ نامرات رايونلارنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىنى بازارلاشتۇرۇپ قوللاش ئارقىلىق، كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىپ، نامرات رايونلاردىكى كەسىپلەرنىڭ قان ئىشلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت كاپىتالى سېلىنمىسى بىلەن نامرات رايونلارنىڭ كەسپىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ