مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«تارىخىي سەۋرچانلىق»نى ساقلاش لازىم

2020.12.08 19:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىغا ئالاقىدار خىزمەتلەر يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا بولغان رەھبەرلىك كۈچەيتىلىپ، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئۈزلۈكسىز نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇندى... «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىر قاتار مۇھىم، زور دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى كۈچەيتىپلا قالماي ھەم كەلگۈسىنى پىلانلايدىغان، ھەم ھازىر ئىشلەيدىغان ئەمەلىي ئىشلەش خىسلىتىنى تۇرغۇزۇپ، ئادەتتىن تاشقىرى تارىخىي سەۋرچانلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى نامايان قىلدى.

  پارتىيەمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئۇلۇغ تارىخىي تۆھپىلەرنى قوشۇپ، مول تارىخىي تۆھپە ياراتتى، بۇنىڭدا تايانغىنى دەل تارىخىي سەۋرچانلىقتۇر. بەلگە خاراكتېرلىك ۋە ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئاشۇ كۈرەش ئەمەلىيىتى، سەنشيا قۇرۇلۇشى، جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش قاتارلىق مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلاردىن، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشقىچە ھەممىسى مىخ قېقىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، تارىخىي سەۋرچانلىق بىلەن سىجىل ئالغا سىلجىتىشنىڭ نەتىجىسىدۇر. خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك، «ئۇلۇغ ئارزۇ ساقلاشتىن، ۋارقىراشتىن ئەمەس، بەلكى تىرىشىپ ئىشلەشتىن كېلىدۇ.» بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش يولىنىڭ ئاچقۇچلۇق مۇساپىسىدە ئىلگىرىلىگەندە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىن زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشقىچە، يەنە ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشقىچە ئۇلۇغۋار غايە، ئۇلۇغۋار پىلاننىڭ ھەممىسى پۇختا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىدۇ.

  يېقىندا، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، بۇ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەتتۇر. يېڭى مۇساپىنى باشلاشتا، بىز تارىخىي سەۋرچانلىقنى ساقلاپ، ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ، ئەۋلادلارغا مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن جاپالىق، ئەمەلىي ئىشلىگەندىلا، بېكىتىلگەن كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئۈزلۈكسىز جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىيەلەيمىز. تارىخ ئېقىمى ھەيۋەت بىلەن ئۆركەشلىمەكتە، تارىخىي سەۋرچانلىق بىلەن كۈرەش قىلىش مۇقەررەر ھالدا تارىخ ۋە خەلقنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ